مۇكۇيلا ۋەقەسىدە ئېتىلغانلارنىڭ ئىككىسى ئايال ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.12.30
2011.12.30
Photo: RFA
ئەمما ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ كىملىكلىرىنى ئاشكارىلىمىغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىدە، ئۆلگۈچىلەردىن ئىككىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى، تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا 5 نەپىرىنىڭ بالا ۋە ئۆسمۈر ئىكەنلىكى، يارىلانغانلار ئارىسىدا بالىلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
بۈگۈن بىز، گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكۇيلا يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى مىنەۋەر ئەخمەت، يېزىنىڭ 8 - كەنت باشلىقى مەمەت ئېزىز ھاپىز ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ بىر نەپەر رازۋېتچىكىنى زىيارەت قىلدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگۈچىلەردىن ئىككى نەپىرى ئايال بولۇپ، ئۇلار 27 ياشلىق بۈۋىرابىيە ئابدۇقادىر بىلەن 29 ياشلىق بۈۋىزۆھرە سەيدەخمەتتۇر. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ سانى 5 بولۇپ، بۇلاردىن بىرى 17 ياش، قالغانلىرى 12 ياشتىن تۆۋەن، ئەڭ كىچىكىنىڭ يېشى 7 ياش.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ۋەقە ھەققىدىكى تۇنجى خەۋىرىدە، 7 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، 4 كىشىنى يارىدار قىلغانلىقى ۋە 4 كىشىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئەمما يارىلانغان 4 ىنىڭ، تۇتۇلغان 4 ى بىلەن ئەينى كىشىلەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمىگەن. خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقىت گېزىتى بۈگۈن، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ جەمئىي 11 ئىكەنلىكىنى يازغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا ۋە ئۆزىمىز يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا يارىلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.