خۇ جىنتاۋ نېمە ئۈچۈن خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىنى ھەل قىلمايدۇ؟

بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاينىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئوبزورلاردا، خۇ جىنتاۋنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىنى ھەل قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق تاكتىسىنى «نۆلنى نۆلگە قوشىۇش ئويۇنى» دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.05.04
chen-guangcheng-US-elchixanidin-305.jpg ئەما ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىن چىقىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2-ماي، بېيجىڭ.
AFP

بىر نەچچە كۈن ئىچىدە «نيۇيورك تايمىس» گېزىتىدە «بو شىلەي ۋەقەسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ ئەڭ رەزىل نوقتىلىرىنى ئاشكارىلىدى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «پۇل مۇئامىلە گېزىتى» دە «ۋاڭ لىجۈن، چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەلىرى خىتاي تەۋرىمەس ھاكىمىيەت دېگەن ئەپسانىنى بەربات قىلدى» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىندى. «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىدە «خۇ جىنتاۋنىڭ قانچىلىك ۋاقتى قالدى؟» سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىلاردە خۇ جىنتاۋنى، خىتايدا يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىنى ھەل قىلماي تۇرۇۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

«پۇل مۇئامىلە گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا يېقىنقى مۇشۇ بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، ئىككى ئادەم ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا پاناھلىق تىلەپ كىردى. بۇلار قىلىدىغان خىزمىتىمۇ، شەخسىي مىجەز - خاراكتېرىمۇ بىر - بىرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەم. بۇنىڭ بىرى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرنىڭ ساقچى ئىدارە باشلىقى، بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىست ئەمەلدارىنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋە چاپارمىنى، قانۇننى كوممۇنىست پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان ئادەم - ۋاڭ لىجۈن. يەنە بىرى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان ئادەملەرنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئادۋوكاتلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان، نەزەربەندكە ئالغان ساقچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىن پەم - پاراسەت بىلەن قېچىپ قۇتۇلغان مېيىپ )ئەما( ئادەم - چېن گۇاڭچېڭ. خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەر، خىتايدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت مۇقەددەس، تەۋرىمەس ھاكىمىيەت دېگەن ئەپسانىنى بەربات قىلدى. بۇ تەۋرىمەس ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا قاتتىق داۋالغۇش - ھوقۇق ئۇرۇشى پارتلىدى.

«نيۇيورك تايمىس» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ۋاڭ لىجۈن ۋەقەسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىىسنىڭ ئەڭ رەزىل نوقتىلىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ ۋەقە ئارقىلىق، چۇڭچىڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان «قىزىل ناخشا ئېيتىش - قارا گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى پەقەت ئەمەلدارلارنىڭ ھوقۇق كۈرىشى ۋە بايلىق توپلاش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولدىكى، بو شىلەينىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋاڭ لىجۈن ئۆزىنى جازادىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى بو شىلەيگە ئارتىپ قويدى. بو شىلەينىڭ خوتۇنى بولسا بايلىق توپلاش ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەركەزدىكى جۇ يۇڭكاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان دەپ تۇرۇۋالدى. جۇ يۇڭكاڭمۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ بەدەن ئورگانلىرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ كېسىۋالغان جىنايەتلەرنى، ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان قانۇن ئورگانلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەت دېمەي، بەلكى جاڭ زېمىن بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ باش سېكرىتارلىقىدا سادىر قىلىنغان جىنايەت دېگەننى ئىپادىلىمەي قالمىدى.

«خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىر نەچچە ئون مىليون خەلقنى ئۆلتۈرۈپ قان قەرزىگە بۇغۇلۇپ كەتكەن كوممۇنسىت پارتىيىنىڭ رەئىسى. گەرچە ئۇنىڭ ھەر قانداق جىنايەتچىنى تۇتۇپ جازالاش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، ھوقۇق تۇتۇۋاتقان ئون يىلدىن بۇيان، «تۆتىنچى ئىيون ۋەقەسى» قاتارلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ھېچقايسىنى ھەل قىلمىدىلا ئەمەس، كۆز ئالدىدا نەق يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىمۇ ھەل قىلماي تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەمەل تۇتىدىغان ۋاقتى ئازا قالغاچقا، ھەتتا مەركىزى كومىتېتتا چوڭ ھوقۇق ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بو شىلەي ۋەقەسىنىمۇ گەرچە جىنايى ئىشلارغا چېتىپ ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە يەنىلا ھەل قىلماي قويۇپ قويدى. ئۇ ھازىر پەقەت ئاللىقاچان مەنپەئەتكە ئېرىشپ بولغان كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى - ھازىرقى مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىشنىلا ئويلاۋاتىدۇ.

بۇ ماقالىدە خۇ جىنتاۋنىڭ، ئادەتتە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان، ئەمما ھېچنىمىنى ھەل قىلمايدىغان بۇنداق تاكتىكىسىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ «نۆلنى نۆلگە قوشۇش ئويۇنى» دەپ كۆرسەتتى. «بەيدۇ» تورىدا ئىزاھات بېرىلىشىچە، ئىككى ئادەم بىر - بىرىگە قارشى ئوينىغان ھەر قانداق ئويۇندا چوقۇم بىرى يېڭىدۇ، يەنە بىرى مەغلۇپ بولىدۇ. ئەمما «نۆلنى نۆلگە قوشۇش ئويۇنى» - ئىككى تەرەپ پەقەت بىر - بىرى بىلەن قارشىلىشىدىغان، ئەمما بىر - بىرىنى يەڭمەيدىغان ئويۇن. ئىككىسىنى قوشسا يەنە نۆل بولىدىغان ئويۇن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى «جەنۇبىي كورىيە گېزىتى» دە، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخاننىڭ خىتاينى تەنقىدلەپ، ھىندىستان ھەرگىز خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، خۇددى خىتايدەك نۆلنى نۆلگە قوشىدىغان ئويۇن ئوينىمايدۇ، دەپ جاكارلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرمىگە قاماپ قويۇپ نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئېلىشقا بارغۇزمىغان ليۇ شاۋبو 2007 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلغان «زەھەر تىغلىق خەنجەر» دېگەن ماقالىسىدە، خۇ جىنتاۋنىڭ «نۆلنى نۆلگە قوشىۇش ئويۇنى» ئادەتتىكىدەك پەقەت ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرى بىلەن قارشىلىشىدىغان، ئەمما بىر - بىرىنى يەڭمەيدىغان ئويۇن ئەمەس، بەلكى قارشىلاشقان ھەرئىككى تەرەپنى تەڭ يەپ كېتىدىغان ئويۇن دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.