خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىلنىڭ مەكتۇبى ئېلان قىلىندى

كانادا پۇقراسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھۆسەيىن جېلىل بەزى بۆلۈملىرى، پەيشەنبە كۈنى كانادانىڭ داڭلىق گېزىتى ھېسابلانغان گلوب ئېند مېل گېزىتىدە نەشر قىلىنغان خېتىدە تۈرمىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە بىر قەدەر تولۇق مەلۇمات بەرگەن ھەمدە ئەركىنلىككە چىقىش توغرىسىدىكى ئۈمىدۋارلىقىنىڭ كۈنسىرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

0:00 / 0:00

ھۈسەيىن جېلىل 2008‏ - يىلى 3‏ - ئاينىڭ 10‏ - كۈنى يازغان، ئۈچ سەھىپىلىك خېتىنىڭ بېشىدا، كۆپ دەرت ئەلەمگە قويغانلىقى ئۈچۈن، ئانىسىدىن كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېگەن: "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك، كۆيۈمچان، مېھرىبان، سۆيۈملۈك ئانا قانداق ئەھۋاللىرى؟ مەن سىلىنى كۆپ يىغىلىتىپ قويدۇم. مىنىڭ دەردىمنى كۆپ تارتىپ كەتلە. مېنى كەچۈرۈپ، مەندىن رازى بولۇپ ھەر زامان دۇئا قىلىشلىرىنى سورايمەن. مېنىڭ سىلەرنى بەك كۆرگۈم كەلدى. كۆپ سېغىندىم. مۇمكىن بولسا كىراغا پۇل تاپالىساڭلار، ئانام بىلەن ئىككى ئوغلۇمنى ئەكىلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ كەتسەڭلار بولاتتى.

خېتىدە قىرىنداشلىرىدىن ئانىسىنى، تېخىمۇ كۆپ ئاسرىشىنى سورىغان ھۆسەيىن جېلىل، " شۇڭا ئانام ئۆزىنى ئاسراپ، يىغلىماي، ماڭا دۇئا قىلىشىنى سورايمەن. خودا ئانامغا كۆپ ئەجىر ‏ - ساۋاپ بەرسۇن، بالىلىرىمنى چوڭ قىلىپ ئاسراپ قاتارغا قاتتى. بۇنى ھېچ قايتۇرالمايمەن. خودا مۇكاپاتىنى بەرسۇن. مېنىڭ يولۇمنى مېڭىپ ئۈرۈمچىگە كۆپ قېتىم كېلىپ قىينالدى. بۇ قېتىم بىر كەلسە، بىر كۆرۈشۈۋالسام بەك ياخشى بولاتتى، كۆپ سېغىندىم " دەيدۇ.

بۇندىن بۇرۇن ئىككى قېتىم خەت يازغانلىقىنى لېكىن، خېتىگە جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خېتىدىن ئۇنىڭ تۈرمە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ھۆسەيىن جېلىل خېتىنىڭ بۇ بۆلۈمىدە ئانىسىدىن، ئايالى كامىلەنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ مۇنداق دەيدۇ: " كامىلە بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇۋاتامسىلەر؟ نېمە دەيدۇ؟ ئىمكان بولسا، مېنىڭ يولۇمنى مېڭىپ قويسا ياخشى بولاتتى. مەن ھېچ نەرسىنى بىلەلمىدىم. ھېچ نەرسىدىن خەۋىرىم يوق. شۇڭا بەزىدە ئايالىم كامىلەنى ئەسلەيمەن. بېرەر ياخشى كۈنلەر بولارمۇ؟ مەنمۇ ھاياتلىققا ئېرىشەلەرمەنمۇ؟ دەپ غەم ئەندىشە قىلىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزىمەن. مەندە نېمە چارە؟"

"كامىلە ئەگەر مۇمكىن بولسا، بېيجىڭدىكى كانادا ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ كۆرسە. ئەلچىخانىدىن بىرەر كىشى بولسىمۇ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ كەتسە بولاتتى. لېكىن ھازىرغىچە، ھېچ كىشى كېلىپ مىنىڭ بىلەن كۆرۈشمىدى. بۇنىمۇ چۈشەنمىدىم. ئەمما مەن ئەلچىخانىدىن بىرەر كىشىنىڭ كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نېمە دېگەن بىلەن مەن شۇ كانادانىڭ پۇقراسى. شۇڭا بىرەرسى كېلىپ مېنى يوقلاپ، كۆرۈشۈپ كېتىشى ياخشى ئىدى."

ھۆسەيىن جېلىل تۈرمىدىن يازغان بۇ خېتىنى، قېرىنداش ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا قايتا ‏ - قايتا سالام يوللاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.