ئىلھام توختى بىلەن 'ئۇيغۇربىز' توربېتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى ھەققىدە سۆھبەت

مۇستەقىل تەتقىقاتچى، دوتسېنت ئىلھام توختى بۈگۈن رادىيومىز مۇخبىرىغا ئۇيغۇربىز توربېتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. ئۇ چۈشەندۈرىشىدە توربەتنىڭ تاقىلىش سەۋەبىنى ئايرىم ئورۇنلاردىكى بەزى مەسئۇل خادىملارنىڭ خىزمەت ئىستىلى ياكى تونۇشىدىكى مەسىلە دەپ كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى سۆزىدە بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ ئۇيغۇربىز تورىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، قانۇنىي ئويغىنىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىر تەبىئىي شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي ھەركەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تور بەت تاقاشنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى توسىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، "پائالىيەتلىرىدىكى ئوچۇقلۇق ۋە دادىللىقىنىڭ سەۋەبىنى قانۇننى ياخشى چۈشەنگەنلىكىم ۋە قانۇنغا ھۆرمەت قىلغىنىم ئۈچۈن" دەپ چۈشەندۈردى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، دونسېنت ئىلھام توختى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ تاقىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.