ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇلۇپ، ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.02.09
ilham-toxti-liksiyedin-burun.jpg ئىلھام توختى ئەپەندى لېكسىيىگە كىرىشتىن بۇرۇن سىرتنى كۆزەتمەكتە. 2010-يىلى 12-ئىيۇن بېيجىڭدا.
AFP


«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» شەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە پەيشەنبە كۈنى رادىئومىزدا خەۋەر قېلىنغان ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىكى خەۋەردىن نەقىل ئالدى.

ئىلھام توختى پەيشەنبە كۈنى رادىئومىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە كېچە - كۈندۈزلەپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى مەزكۇر تورىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچتە ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» رادىئومىزنىڭ يۇقىرى خەۋىرىدىن نەقىل ئالغان.

ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا كۆپ ھەرەج تارتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى.

ئۇ، 2 - فېۋرال ئامېرىكىغا كېلىپ تەتقىقات قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇپ قىلىنغان ۋە 11 سائەتكە يېقىن سوراق قىلىپ ئۆيىگە قايتۇرۇلغان ئىدى.

ئىلھام توختى زىيارىتىمىزدە ئۆزىنىڭ بۇ ئىش سەۋەبىدىن ھەرگىز مەيۈسلەنمەيدىغانلىقىنى، يەنىلا ۋىجدانى ۋە مىللىي بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.