ئىلھام توختى خىتاي دۆلەتلىك ئىچكى ئامانلىق خادىملىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

0:00 / 0:00

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىنمۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ھالدا دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان، ئۆزىنىڭ بىرقاتار پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن "بىللە چاي ئىچىپ سۆھبەتلىشىش" نامىدا، تەكشۈرۈش ھەم ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇربىز تورى بىر ئۇچۇر تارقاتقان. بۇ يىل 19 - ئۆكتەبىر كۈنى پارتلىغان تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، تىبەت رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا تىبەت مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش قارارىغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كېيىن، ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىق بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قارىتىلغان نازارەت يەنىمۇ كۈچەيتىلگەن.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تىبەت ئوقۇغۇچىلىرى ئېلىپ بارغان "ئانا تىلنى قوغداش ھەرىكىتى"نىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەش، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇش قاتارلىق تاكتىكىلارنى قوللانغاندىن باشقا، ياش ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ھەم زىيالىيلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ئىناۋەت ھەم تەسىرگە ئىگە ئىلھام توختى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا بولغان نازارەت ۋە بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

ئۇيغۇر بىز تورىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ھەم ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەمەلىيىتى ھەققىدە ئەمدى پىكىر بايان قىلماسلىققا ئۈندىگەن. ئۇلار ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "ئەگەر ئەمدى دىققەت قىلمىساڭ، سېنىڭ مەسىلەڭ يەنىمۇ ئېغىرلىشىدۇ،" دېگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىل مائارىپىنى قوغداش تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاش مەسىلىگە ئاللىقاچان دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ رايى بويىچە ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار سۆزىدە، ئۇنىڭ كىملەر بىلەن پاراڭلاشقىنى، كىملەر بىلەن كۆرۈشكىنى، نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار، يەنە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە شۋېتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە ھەم ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى بىلەن پاراڭلاشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، "بىز سېنىڭ ئائىلەڭنى ئېلىپ سىرتقا قېچىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقىنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمىز، چۈنكى بىز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئىگە بولدۇق،" دېگەن.

دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى لىيۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن "سەن نېمە ئۈچۈن تىبەتلەرنى قوللايسەن؟ نېمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە چەتئەل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدا ئۆز پىكرىڭنى بايان قىلىسەن؟ مەقسىتىڭ نېمە ؟" دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆزىنىڭ سوراق جەريانىدىكى پوزىتسىيىسىنى بايان قىلىپ، "مەن ئۇلارغا ئەگەر بىزنىڭ دۆلەت قانۇنىدا ئاللىقاچان بەلگىلىنىپ بولغان قانۇنىي ھوقۇقلىرىمىز دەخلىگە ئۇچرايدىكەن، ئۆزۈمنىڭ ھەر ۋاقىت بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىسىز نەرسە بولىدىكەن، ئۆزۈمنىڭ ھەر ۋاقىت بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردۈم. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر ھەم خەنزۇلارنىڭ باراۋەرلىكى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئىشلارنى قوللايدىغانلىقىمنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى يۇمشىتىشقا پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردۈم،" دېگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، "سېنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلۈڭ سېنىڭ يېقىنلىرىڭغا ئازاب ھەم بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ھەم خىزمىتى سېنىڭ سەۋەبىڭدىن تەسىرگە ئۇچرىدى،" دېگەن. ئۇلار مېڭىش ئالدىدا ئىلھام توختى ئەپەندىنى تەكرار ئاگاھلاندۇرۇپ، "بىز يەنە كېلىمىز. بىز ئۈچۈن بۇ ئىشىك تېخى قۇلۇپلانمىدى،" دەپ پوپوزا قىلغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا دېگەن سۆزىدە دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى "چاي ئىچىشكە تەكلىپ قىلىشى" ھەققىدە توختىلىپ، "مەن دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى بىلەن بۇ بىرنەچچە يىل جەريانىدىكى تەكرار ئۇچرىشىشىمدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئۇلار مېنى قويۇۋەتمەي مېنىڭ ھەرىكىتىمنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىزگە ئوخشاش نورمال ئادەملەر بار ئەلۋەتتە. ئەمما دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى يەنىلا مېنى 'چاي ئىچىش'كە تەكلىپ قىلدى، ئۇلارچە قانۇنلۇق ھېسابلانغان بۇ ھەرىكەتنىڭ قانۇنىي ئاساسى قانچىلىكتۇر؟ مېنىڭ يەنە شۇنداق سورىغۇم كېلىدۇكى، 'چاي ئىچىش'كە تەكلىپ قىلىنغان ئادەمنىڭ يەنە قانچىلىك قانۇنىي ھوقۇقى قالدى؟"

ئىلھام توختى ئەپەندى سۆھبەت ئاخىرىدا ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: "ئېتىقادى بار، غۇرۇرى بار ئۇيغۇر بۇ خىل 'تەھدىت'لەردىن قورقۇپ قالماسلىقى كېرەك، بولۇپمۇ كۆپ ھاللاردا مانا مۇشۇنداق پسىخىك ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان چاغدا. مېنىڭچە پۈتۈن دۆلەت بويىچە ھەر كۈنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ ئاۋارە قىلىشىغا ئۇچراۋاتسا كېرەك. ئادەتتە بۇنىڭدىن چوڭ ئىشلار چىقماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار سىزنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىللە سىزنىڭ ئاغزىڭدىن ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان، ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ئاخباراتلارنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز يەنىلا دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنىڭ سىزگە دېگەن گەپلىرىنى كۆپچىلىككە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم توردا يېزىقلىق، ياكى ئۇيغۇر بىز تور بېكىتىنىڭ خەلقئارالىق تور بېكىتى ئارقىلىق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر سىز بىر مەسىلىگە ئۇچرىسىڭىز، ئۇ ھالدا دۇنيا سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار بولىدۇ. ئۇ ھالدا سىزنى قوللاشقا ھەم سىزنى قۇتقۇزۇشقا پۇرسەت بولىدۇ."

بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئىلھام توختى ئەپەندىگە قارىتىلغان نازارەتنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى "چاي ئىچىش"كە تەكلىپ قىلىشى ئادەتتىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز چەكلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ تۈركىيىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا بېرىشىلا چەكلىنىپ قالماستىن ھەتتا ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇنىڭ ئۆز يۇرتى ئاتۇشقا بېرىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئىلھام توختى ئەپەندى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىۋاتقان تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ھەم دۆلەت ئىچىدە قانداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خىتاي دۆلەت ئىچكى ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرىنى بىئارام قىلىۋاتقىنىمۇ ئەنە شۇ ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.