ئىلى تەۋەسىدە تۇتۇلغان ياشلارنىڭ پاجىئەلىرى

1997 ‏- يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان ئىلى تەۋەسىدىكى تۇتقۇن قىلىش، جازا ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋەقەلىرى توختىماي يۈز بەرمەكتە.

0:00 / 0:00

22 ياشلىق ھەسەن داۋۇت شۇ چاغدا قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، تۈرمىدە يېتىۋېتىپ ئاتا ‏- ئانىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.

ئىسمىنى مەلۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئايال بىلەن غۇلجا ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ياشلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.