5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (1)
2012.05.07
تۆۋەندە ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ تەييارلىشىدىكى «5-ئىيۇلدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار» ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ بىرىنچى قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
بۇ پروگراممىمىزدا غايىب ياشلاردىن ئىماممەمەت ئېلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز. ئىگىلىشىمىزچە، ئىماممەمەت ئېلى 1985-يىلى قەشقەر بەشكېرەمدە تۇغۇلغان. ئۇ 5 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئىماممەمەت 2003-يىلى ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى خۋانەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. ئۇ 2008-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىل خەلقئارالىق بىر شىركەتتە يەنى دۇبەيدە ئىشلىگەن. ئۇ 2009-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىگە يېنىپ كېلىپ باشقا بىر شىركەتكە ئىشقا چۈشكەن. 5 -ئىيۇل كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ كېلىۋېتىپ نامايىشچىلارنىڭ جەسۇر قىياپىتىنى كۆرگەن ۋە مەردانە چاقىرىقلىرىنى ئاڭلىغان ئىماممەمەت ئېلى نامايىشچىلار سېپىگە ئۆزىنى ئاتقان.
ئىماممەمەتنىڭ ئانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلانغان مەزگىلدە ئىماممەمەت نامايىشچىلار سېپىدىن ئايرىلغان، ئەمما يوللار توسۇۋېتىلگىنى ئۈچۈن ئۆيىگە قايتالمىغان؛ پەقەت ئانىسىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە، سەنشىخاڭزىدىكى بىر كونا قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىپ، ئەتىسى كەچتە ئۆيىگە بارغان. 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىماممەت دوستلىرى بىلەن كوچىدا پاراڭلىشىپ تۇرغاندا ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان ۋە 4 دوستى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان. ئىماممەمەتنىڭ ئانىسى ئوغلىنى تۇتۇپ كەتكەن ليۇداۋان ساقچىخانا رازۋېدكا بۆلۈمىگە بارغاندا، ئىماممەمەتنىڭ مىچۈەن قاماقخانىسىغا يوللانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. پاتىگۈل مىچۈەن قاماقخانىسىغا بارغاندا بۇنداق بىر كىشىنىڭ قاماقخانىدا يوقلۇقىنى ئېيتقان.
ئارىلىقتا ئىماممەمەت بىلەن بىرلىكتە تۇتۇلغان 4 دوستى قويۇۋېتىلگەن، قويۇۋېتىلگەنلەردىن بىرى، ئىمامەمغەتنى مىچۈەن قاماقخانىسىدا مەيدانغا ئاچىقىپ رەسىمگە تارتىۋاتقاندا كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان؛ لېكىن قاماقخانا گۇندىپايلىرى قاماقخانىدا بۇنداق بار كىشى يوقلۇقىدا چىڭ تۇرغان. 2010-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى مەزكۇر قاماقخانىدا ئىماممەمەت بىلەن بىر كامىرىدا ياتقان راخمانجان ئىسىملىك كىشى قويۇۋېتىلگەن. ئىماممەمەتنىڭ ئىككى قېرىندىشى راخمانجان بىلەن كۆرۈشۈپ ئاكىسىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان.
راخمانجان، ئىماممەمەتنىڭ دەسلەپكى ئىككى قېتىملىق سوراقتا سالامەت قايتىپ كىرگەنلىكىنى، ئەمما 3-قېتىملىق سوراق ئاچىقىپ كېتىپ 3 كۈندىن كېيىن قاماقخانىغا ئەكىرىلگەنلىكىنى، ئۇ قاماقخانىغا كىرگەندە ماڭغۇدەك ھالدا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە راخمانجان ئىماممەمەتنىڭ بىر ھەپتىگىچە تاماق يېيەلمىگەنلىكىنى، ئەھۋالىنىڭ كۈنسېرى يامانلاشقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ساقچىلارغا «بۇ بالىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، ئەگەر، داۋالىمىساڭلار ئۆلۈپ قالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ساقچىلارنى ئۇنى داۋالاتقىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، ئەمما كامىرىغا قايتۇرۇپ كېلىنمىگەن. راخمانجان ئىماممەتنىڭ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن ياكى باشقا قاماقخانىغا يۆتكىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقالمىغان. مانا بۇنىڭدىن كېيىن ئىماممەمەت ھەققىدە ئۇنىڭ ئائىلىسى ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.