خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون قامالىغا بولغان نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.09.17
2009.09.17
AFP Photo
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە قارىتا پۈتكۈل تور بەتلىرىنى تاقاش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىغان. بۇنىڭ بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئادەتتىكىدەك نورمال تېلېفون قىلىش ئىمكانىيىتىمۇ بوغۇلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىل تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت قامالىغا نىسبەتەن، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بولغان نورمال تېلېفون ئالاقىسىنىمۇ قىلالمايۋاتقانلىقىغا قارىتا نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.
گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان سالامەت خانىم، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ نورمال تېلېفون ئالاقىسىنىمۇ توشۇشىنى ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، بۇ خىل قىلمىشنى ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
"5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" دىن كېيىن، ۋەتىنىگە زىيارەتكە بارغان ئۇيغۇرلار رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ۋەتەن زىيارىتى جەريانىدا، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن نارازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما كىشىلەرنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگىدەك ھېچقانداق ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەسلىكىنى، كىشىلەرنىڭ بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە، تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى، ئادەتتىكى گەپ سۆزلىرىدىلا ئەمەس، ھەتتا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۆز - ئارا تېلېفون ئالاقىسىدىمۇ تولىمۇ ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. يەنە بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ زادىلا بولمىغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.
ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تېلېفون ئالاقىسى كونترولىغا نىسبەتەن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي پۇقرالىرى خىتاينىڭ قاتمۇ - قات قاماللىرىنى بۆسۈپ كىرىپ، غەيرىي يوللار ئارقىلىق ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تېلېفون كارتىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئوخشاش بىر نومۇرنى تەكرار - تەكرار 10 نەچچە قېتىم، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ سىنىغاندىلا، ئاندىن تېلېفوننىڭ تەسلىكتە ئۇلىنىدىغانلىقىنى، بەزىدە بۇ خىل تەكرار تېلېفون ئۇرۇشقا ئۆزىنىڭ پسىخىك جەھەتتىن بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، تېلېفون ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىش بىلەن بىللە بۇ خىل قىلمىشنى ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي بولغان كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىق دەپ ئەيىبلىدى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن كىشىلەرنىڭ نورمال تېلېفون ئالاقىسى ھەم ئىنتېرنېت ئالاقىسى ئەركىنلىكىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەزى ئېنىقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىگە بولغان قامالى بۇ يىل 10 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 60 يىللىق بايرام كۈنىگىچە داۋاملىشىشى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي تېنچلىقنى ئورناتقانغا قەدەر بولغان تېخىمۇ ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.