ئۇيغۇر ئېلىدە تور ساقچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى 8 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدە باشلاندى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، " تور تەشۋىقاتى كادىرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى" دەپ نام قويۇلغان، " تور ساقچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى " نىڭ يېڭى قارارلىق ئوقۇشىنى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلىدى.

0:00 / 0:00

نوۋەتتە، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئەلىدە ئىنتېرنېتكە بولغان كونتروللۇقنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلىگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە " تور ساقچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئاخبارات تورى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەم نوپۇزلۇق سودا تور بېكەتلىرىنى ئاكتىپ يېتەكلەش ئارقىلىق، تور تەشۋىقاتىدا كۈچلۈك ئىجابىي جامائەت پىكرى ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىناق تور مۇھىتى يارىتىش كېرەك،" دەپ تەلەپ قىلدى.

لى يى سۆزىدە نۆۋەتتە گەرچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئومۇمى مۇھىتى ياخشى بولسىمۇ لېكىن، تور مەنبەلىرىدە يېقىندىن بۇيان، پارتىيە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىگە ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى ماقالىلەر يېزىلىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تور ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى، تور ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، تور تەشۋىقاتى خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى نى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنەتكە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۇنيادا ئىنتېرنېت قامالى ئەڭ قاتتىق بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان " ۋول ستىرىت جوئۇرنالى" 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق جۈملىدىن مەتبۇئات ئەركىنلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىغان ئورگان " فرېيدېم خوئۇس" يەنى ئۇيغۇرچە "ئەركىنلىك سارىيى" نىڭ 15 دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنەت تورىغا بولغان چەكلىمە دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىقارغان نەتىجىسىنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، "فرەئەدوم ھوئۇس" نىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دۇنيادىكى ئىنتېرنېت چەكلىمىسى ئەڭ ئېغىر بولغان بۇ 15 دۆلەتنىڭ دەرىجىگە تىزىملىكى تۇرغۇزۇلغان.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېتكە بولغان چەكلىمىسىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىك دەرىجىسىگە قاراپ، نومۇر قويۇلغان بولۇپ، 0 نومۇر بۇ دۆلەتتە ھېچقانداق ئىنتېرنېت چەكلىمىسى يوقلىغىنى بىلدۈرسە، 100 نومۇر بۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھېچقانداق تور ئالاقە ئەركىنلىكى يوقلىغىنى ئىپادىلەيدىكەن.

بۇ دۆلەتلەرنى ئېرىشكەن رەت تەرتىپى بويىچە تىزغاندا : ئېستونىيە 10 نومۇر، ئەنگلىيە 20 نومۇر،جەنۇبى ئافرىقا 21 نومۇر، برازىلىيە 26، كېنىيە 31 نومۇر، ھىندىستان 34 نومۇر، گرۇزىيە 40 نومۇر، مالايشىيا 40 نومۇر، تۈركىيە 40 نومۇر، مىسىر 45 نومۇر، رۇسىيە 51 نومۇر، ئىران 74 نومۇر، جۇڭگو 78 نومۇر، تۇنىس 78 نومۇر، كۇبا 90 نومۇر ئالغان.

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى خىتاينىڭ ئىنتېرنېت تورى چەكلىمىسى 78 نومۇر بولۇپ، ئىنتېرنېتنى قامال قىلىش جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىپ، يۇقىرىقى تىزىملىكتە ئارقىدىن سانىغاندا 3 - ئورۇندا تۇرغان.

ئۇيغۇر ئىنتېرنېت تور مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا تور بېكەتلىرىگە بولغان چەكلىمە پۈتۈن خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، تور ئابونېنتلىرىنى " IP " ئادرېسى بويىچە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەنقىدكە ئۇچرىغان، قولغا ئېلىنغان، تور ئابونېنتلىرىنىڭ سانى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەسسىلەپ ئاشقان. ئۇيغۇر تىلىدىكى تور بەتلىرىگە مەزمۇن جەھەتتىن قاتتىق چەكلىمە قويۇلغان بولۇپ، تور بەتلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى پىكىر ئىپادىلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، ھەتتا 2009 - يىلى كىرگەندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيرۇق بىلەن " ئۇيغۇر بىز" قاتارلىق تور بەتلىرىنى تاقىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئابونېتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىدىن تور بوشلۇقى سېتىۋېلىشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە كىرىش دائىرىسى تېز كېڭىيىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر تورلىرى ئۈستىدىن دائىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، قىسقا ۋاقىتلىق توختىتىش ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرماقتا. شۇ سەۋەبتىن كۆپىنچە تور بەتلىرى ئۆز تور ئوبونېنتلىرىغا سىياسىي ۋە سەزگۈر تۈس ئالغان مەزمۇنلارنى يوللىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا.