ئىستانبۇلدا 1 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىستانبۇل ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2010 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 6‏- ۋە 7 ‏- كۈنلىرى، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىستانبۇل فاتىخ شەھەرلىك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشىدا، ئەلى ئەمرى كۈلتۈر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا، 1 ‏- نۆۋەتلىك خەلقئارالىق دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئىستانبۇل ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا 27 دۆلەتتىن 120 دىن ئارتۇق چەتئەللىك يازغۇچى، شائىرلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن، ئاۋسترالىيىدە ياشاۋاتقان ئاخباراتچى سەلىمە كامال خانىم، بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تۈرك تىل ‏- ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مەغپىرەت كامال خانىم قاتارلىق تۆت نەپەر ئۇيغۇر ئايال تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىندا بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رېكتورى پروفېسسور دوكتۇر ئەخمەت يۈكسەل ئەپەندى ۋە ئىستانبۇل ‏- فاتىخ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇستافا دەمېر ئەپەندى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىن ئەلى ئەمرى كۈلتۈر مەركىزىنىڭ فاتىخ، بۇغاز ئىچى، سۇلتان ئەخمەت ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق تۆت يىغىن زالىدا بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلۈپ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى، ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغان چەتئەللىك يازغۇچى، شائىرلارنىڭ بۇ شەھەر ھەققىدە ئوخشىمىغان تىللاردا يازغان 118 پارچە شېئىر ۋە ماقالىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەت يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان سەلىمە كامال خانىم، 'ئۇيغۇر شائىرلىرى ۋە ئىستانبۇل سۆيگۈسى' دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ ئىستانبۇل ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىدىن ئارىيە تەقدىم قىلىش بىلەن بىرگە، ئىستانبۇلدا ئوقۇپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن مەرىپەتپەرۋەر شائىر مەمەتئېلى تەۋپىق ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەپ شېئىر يازغان ئۇيغۇر شائىرلار ھەققىدە توختالدى.

يىغىندا سەلىمە كامال خانىم ئۇيغۇر تىلىدا سۆز قىلغان بولۇپ، سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىندا سۆز قىلغان سەلىمە كامال ۋە دوكتۇر مەغپىرەت خانىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.