ئىستانبۇلدىكى 90 يىللىق مەشھۇر كاۋاپخانىنىڭ قۇرغۇچىسى قەشقەردىن كەلگەن ئۇيغۇر

ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مەشھۇر تارىخىي مەيدانلىرىدىن بىرى بولغان سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدا" تارىخى سۇلتان ئەخمەت كۆفتەچىسى"، يەنى، تارىخىي سۇلتان ئەخمەت قىيما گۆش كاۋاپخانىسى نامىدا 3 قەۋەتلىك بىر كاۋاپخانا بار.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.11.11
3-ewlat-uyghur-kawapxana-xojayinliri-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯧﺰﭼﺎﻗﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بۇ كاۋاپخانا بۇنىڭدىن 90 يىل بۇرۇن چوڭ دادىسى بىلەن قەشقەردىن تۈركىيىگە كەلگەن بىر ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ كاۋاپخانا ھازىر 3 - ئەۋلاد مەمەت تېزچاقىن تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا.

مەزكۇر كاۋاپخانىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى تۆۋەندىكىچە:
tarixi-sultan-exmet-kawapxanisi-sirtqi-korunushi-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ "ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻛﯚﻓﺘﻪﭼﯩﺴﻰ"، ﻳﻪﻧﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻗﯩﻴﻤﺎ ﮔﯚﺵ ﻛﺎﯞﺍﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

1911 - يىلى، شەرقىي تۈركىستاندىن بىر بوۋاي نەۋرىسىنى ئېلىپ ھەرەمگە ھەجىگە بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ ۋە بۇ يەرگە كېلىشى بىلەن پۈتۈن پىلانلىرى ئۆزگىرىدۇ. بوۋاي ئىستانبۇلدا ۋاپات بولىدۇ، نەۋرىسى بولسا بۇ چوڭ شەھەردە يالغۇز  قالىدۇ ۋە رىزقىنى بۇ يەرلەردىن تېپىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدا ياشاپ قېلىشقا قارار بېرىدۇ. بۇ 14 ياشلىق مۇھەممەت سىراجىددىن شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۆلەت نەشرىياتىدا ئىشلەشكە باشلايدۇ. ئۇ كېچە كۈندۈز ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايتتى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك پۇلى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ جاپالىق ئىشلەپ بىر تىيىن، بىر تىيىندىن پۇل يىغىپ ئىش باشلاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ. 1920 - يىلى، مۇھەممەت سىراجىددىن زەھرا خانىم بىلەن توي قىلىدۇ. مۇھەممەت سىراجەددىننىڭ ئارزۇسى 9 يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئېشىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدۇ ۋە "تۇران" ناملىق كاۋاپخانا ئاچىدۇ. ئىككى يىلدىن كېيىن مۇھەممەت سىراجەددىننىڭ تۇنجى ئوغلى مۇستافا تۇغۇلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن سەلىم، ئىسمائىل ۋە رەھىمە دۇنياغا كېلىدۇ.

1954 - يىلى سۇلتان ئەخمەت كاۋاپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھاممەت سىراجىددىن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرىغا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ سوۋغىسى لەززەتلىك يېمەكلىكنىڭ سىرى ئىدى.
    
3-ewlat-uyghur-kawapxana-xojayinliri-suretliri-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯧﺰﭼﺎﻗﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

بوۋىسى بىلەن ھەجگە بېرىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىپ بوۋىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بىر كۆمۈر دۇكىنىدا كاۋاپخانا ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان مۇھەممەت سىراجىددىننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 3 ئوغۇلغا بۇ لەززەتلىك يېمەكلىك سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە يۈكلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن 3 ئوغۇل پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.

1965 - يىلى چوڭ ئوغلى سەلىم ۋە ئوتتۇرانچى ئوغلى ئىسمائىل ئەپەندى ئىشلىرىنى زورايتىپ سۇلتان ئەخمەت مەيدانىدىكى دىۋان يولىدا 3 قەۋەتلىك بىر كاۋاپخانا ئاچىدۇ. كېيىن 3 - ئەۋلاد مەمەت تېزچاقىن بۇ رېستوراننى باشقۇرۇشقا باشلايدۇ.
 
سۇلتان ئەخمەت قىيما گۆشى كاۋىپىنى سۇلتان ئاخمەتتە يەيسىز ۋە ئۇ يەردىن ئايرىلماي تۇرۇپ، كېيىن يەنە كېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزىسىز. مانا مۇشۇنداق قىلىپ بۇ كاۋاپنىڭ لەززىتىنى ئاڭلىغانلار تەرەپ - تەرەپتىن كېلىشكە باشلايدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ سۇلتان ئەخمەت كاۋابخانىسىنىڭ پۈتۈن ئىستانبۇلدا داڭقى چىقىدۇ.

كاۋابخانىغا كىرسىڭىز تېمىغا ئاشخانىنىڭ قۇرغۇچىسى قەشقەرلىق ئۇيغۇر مەمەت سىراجىددىن ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ 3 ئەۋلاد پەرزەنتلىرىنىڭ رەسىمى ئېسىلغان، تاملارغا تۈركىيىنىڭ ئەڭ داڭلىق ناخشىچىلىرى، كىنو ئارتىستلىرى بۇ يەردە قىيما گۆشى كاۋىپى يېگەن ۋاقتىدا كاۋاپخانىنى ماختاپ يېزىپ قالدۇرغان سۆزلىرى، مەتبۇئاتلاردا ئاشخانىنى داڭلاپ چىققان خەۋەرلەر چاپلانغان.

ھازىر بۇ كاۋاپخانىنى ئاتا، ئوغۇل ۋە قېرىنداشلار بىرلىكتە ئاچماقتا ھەتتا بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارمۇ بۇ ئائىلىنىڭ بىر پارچىسىدەك بولۇپ كەتكەن. ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان بىر خادىم ئۆزىنىڭ بۇ يەردە 25 يىلدىن بېرى ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

بىز بۇ كاۋاپ رېستورانى  ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 3 - ئەۋلاد خوجايىن مەمەت سىراجىددىن تېزچاقىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.