جاكسون براۋنىڭ ئوغلىغا يازغان نەسىھىتى
2012.10.05
كېيىنچە ئۇنىڭ مەزكۇر ئەسىرى ئامېرىكىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيادا ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئەسەرلەردىن بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ ئەسىرى 28 تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ راۋاج تاپقان كىتاپلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
جاكسون براۋن ئىجادىيەت ئۈستىدە
جاكسون براۋننىڭ نەسىھەتلىرى
تۆۋەندە جاكسون براۋننىڭ ئوغلىغا يېزىپ قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك ئەسىرىدىن بىر قانچىسىنى تەقدىم قىلىمىز:
1.ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئەمما ئىشىكىڭنى مەھكەم ياپقىن.
2.ھايات ھەمراھىڭ بولغۇچىنى ياخشى تاللاپ قارار قىلغىن. چۈنكى بۇ قارار ئىنساننىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولىشىدا %90 رول ئوينايدۇ.
3.دۈشمەنلىرىڭنى تۇيۇقسىز ياخشىلىقلارنى قىلىش بىلەن دوستلارغا ئايلاندۇرغىن.
4.بانىكىنىڭ ئېلانلىرىغا ئالدىنىپ قالمىغىن، يەنى بانكىغا قەرزدار بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغىن.
5.شۇجائەتلىك بولغىن، گەرچە شۇنداق بولمىساڭنى ئۆزۈڭنى شۇجائەتلىك قىلىپ كۆرسەتكىن. چۈنكى كىشىلەر بۇنى ئايرىيالمايدۇ.
6.ئاڭلىغانلىكى خەۋەرگە ئىشەنمە، پۇلۇڭنىڭ ھەممىسنى خەجلىمە، ئېھتىياجدىن ئارتۇق ئۇخلىما.
7.ياخشى بىر كىتاب ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئوقۇمىساڭمۇ ئېلىپ قويغىن.
8.قانداق ئاڭلاشنى ئۆگەنگىن. چۇنكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان پۇرسەتلەر كۈچلۈك قولاققا مۇھتاج.
9.ساقچى بىلەن ھەرگىز تاكانلاشما.
10.ئەقلىڭنى ياكى ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنى ياكى ماشىناڭنىڭ ئاچقۇچىنى يوقاتما.
11.كونا دوستۇڭنى تۇيۇقسىز تېلېفون بېرىش بىلەن خوشال قىلىۋەتكىن.
12.يەر - زېمىن سېتىپ ئالماقچى بولغىنىڭدا، مۇنۇ ئۈچ شەرتكە ئەمەل قىل: ئورنى، يەنە ئورنى، يەنە ئورنى.
13.ھاياتىڭدا ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولغان ئىشلاردىن 10نى يېزىپ، يېنىڭدا ساقلىغىن.
14.ئايالىڭغا گۈل تەقدىم قىلغىن. ئۇنىڭ سەۋەبىنى كيىن ئويلىۋال.
15.قانداقلا بىر ئىشتا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولغان ئادەم بىلەن شېرىكلىشىشتىن ھەزەر ئەيلە.
16.ھەر كۈنى8 ئىستىكان سۇ ئىچىشنى ئۇنۇتما.
17.كىشىلەرگە يانچۇقىدىكىگە قاراپ ئەمەس، قەلبىدىكىگە قاراپ باھا بەرگىن.
18.تاقىتىڭغا كۆرە ياشىغىن، يەنى «يوتقانغا بېقىپ پۇتۇڭنى سۇنغىن».
19.كەسىپكە ھىيلە قىلىشنى ئۆگىنىمەن دەپ ۋاقىت سەرپ قىلماستىن، كەسىپنىڭ ئۆزىنى ئۆگەنگىن.
20.تەبەسسۇم قىلغىن. چۈنكى ئۇ سەندىن چىقىم تەلەپ قىلمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇلغا سۇندۇرغىلى بولمايدۇ.
21.سەن غەزەبلىك ۋاقتىڭدا بىرەر ئىشنى قارار قىلما.
22.ئەمەلىيەتچانلىقتىن زىيادە سىلىق بولگىن. ئەمما ھېچكىمگە سەندىن پايدىلىنىشقا يول قويما.
23.شەيتاننىڭ نەيرەڭلىرىگە ئالدانما. چۈنكى ئۇ بىر خىل كۆرۈنمەيدۇ.
24.كىشىلەرگە ئۇلار كۈتكىنىدىن كۆپرەكىنى بەرگىن.
25.نورمالدىكى ۋاقتىڭنىڭ كۆپرەكىنى بالىلىرىڭ بىلەن ئۆتكۈزگىن.
26.يۈز - ئابرويىڭنى ساقلىغىن. كېيىنكى كۈنلەر ئۇنىڭ سەندىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئىلكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
27.ئۆزۈڭگە ئېلىشتىكى ئەمەس، بەلكى بېرىشتىكى قۇدرىتىڭگە قاراپ باھا بەرگىن.
28.سەن ئۇچراشقان ھەربىر ئادەمدە سەندە بولمىغان ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. ئۇنى ئۆگىنىشكە تىرىشقىن.
29.پۇلنى خەجلەشتە ئوتتۇرۇپ قويىدىغان ئادەم ھاياتلىقتا ھەممىدە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.
30.ئۆزۈڭنى تۈزەتمەي تۇرۇپ بالىلىرىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىڭنى پايدا بېرىدۇ دەپ خام خىيال قىلما.