ئالىمجان باۋدىنوفنىڭ «جادۇ» رومانى كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2012.03.23
2012.03.23

Public Domain
ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئەخلاق مەسىلىلىرىنى يورۇتۇشقا، زامانداشلىرىنىڭ يارقىن ئوبرازلىرىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشماقتا. زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بولۇپمۇ پروزا ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەردە يەنە شۇنداق بىر ئالاھىدىلىكنى بايقاشقا بولىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئالماتادا پروزىنىڭ رومان ژانىرىدا قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى ئالىمجان باۋدىنوف بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ«قالغان كۆڭۈل»، «ئويلانماي باسقان قەدەم»، «ئاي يۈزىدىكى بۇلۇت» ناملىق پوۋېستلىرى ھەم ھېكايىلەر توپلاملىرى بىلەن كەڭ كىتابخان ئاممىسىغا تونۇلۇپ كەلگەن ئىدى.
يازغۇچىنىڭ رومان ژانىرىدىكى «مەھبۇس» ناملىق تۇنجى ئەسىرى 2008 - يىلى يورۇق كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تەقدىرنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دۇچ كەلگەن زامانداشنىڭ سىياسىي تەقىب نەتىجىسىدە تارتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرى، كىشىلەر ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتلەر، ساداقەتلىك، پاكلىق، چىداملىق ئوخشاش ئىنسانىي پەزىلەتلەر، قاتىللىق، ساتقۇنلۇق، ئىككى يۈزلۈك قاتارلىق رەزىل ئىللەتلەر تەسۋىرلەنگەن.
ئەدىپىنىڭ نۆۋەتتىكى««جادۇ» رومانىدىمۇ شۇ خىل ئالاھىدىلىكنى بايقاشقا بولىدۇ، لېكىن ئاپتور بۇ قېتىمدا ۋەتىنىگە، خەلقىگە خىيانەت قىلىپ، بايلىقنى، ئابرۇينى ئەۋزەل كۆرگەن شەخسنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشقا كۆپرەك ئورۇن بەرگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى ئالىمجان باۋدىنوف رومان مەزمۇنىدىن ئايرىم پارچىلارنى تونۇشتۇردى.