ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ دالاي لامانى قارىلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما چارشەنبە كۈنى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، "شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق باياناتى بېرىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بەلگىلىگەن قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى سۆزلىتىپ دالاي لامانى قارىلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.03.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
dalai-lama-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ ﺩﺍﻻﻱ ﻻﻣﺎ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 10 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯩﺒﻪﺕ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ 51 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺭﺍﻣﺴﺎﻻﺩﺍ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ
AFP Photo

بۈگۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۈمە تاھىرنى ئەيىبلىدى.

 دالاي لاما 10 - مارت كۈنى، تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى ۋە لخاسا ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 3 مىڭ كىشىلىك مۇراسىمدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت نامى " شەرقىي تۈركىستان" دېگەن نامنى ئاشكارا قوللىنىپ، تىبەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، "ئېغىر قىنچىلىقلار ۋە كۈنسېرى جىددىي باستۇرۇشلارغا مۇپتىلا بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، مەن ئۇلارغا ھەمدەمچى ئىكەنلىكىم ۋە ئۇلار بىلەن قەتئىي بىللە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمەن" دېگەن.

دالاي لامانىڭ بۇ سۆزى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 11 - مارت كۈنى نارازىلىق باياناتى بېرىپ:" دالاي لامانىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ خىتاينى پارچىلاش غەرىزىنى ئىپادىلەيدۇ، شىنجاڭنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىشى، ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش مەقسىتىنىڭ ئىسپاتى" دەپ دالاي لامانى ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئارقىلىق دالاي لاماغا نارازىلىق باياناتى بېرىش بىلەن بىللە يەنە، قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىمام قىلىپ بېكىتىلگەن، ھازىر شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ ياردەمچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جۈمە تاھىرنى سۆزلىتىپ، دالاي لامانى " شەرقىي تۈركىستانچىلارنى قوللاپ، خىتاينى پارچىلاش غەرىزىدە بولغان " دەپ ئەيىبلىدى.

جۈمە تاھىر دالاي لامانى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: ”شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە تېررورچىلار دەپ قارىلىدۇ، دالاي لاما بولسا تېخىچە ئۇلارنى قوللايدۇ. مەن شىنجاڭدىكى دىن ئالىملىرى نامىدىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمەن“.

 ئۆزىنى شىنجاڭدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە شاھىتى دەپ تەرىپلىگەن 70 ياشلاردىكى جۈمە تاھىر دالاي لامانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپ، بۇ جاينىڭ ئەھۋالى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: ”دالاي لاما شىنجاڭغا ھېچ كېلىپ باقمىدى، بۇ سەۋەبتىن شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە سۆزلەش سالاھىيىتى يوق“.

بۈگۈن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم دىنىي ئۆلىمالىرىمىز رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۈمە تاھىرنىڭ بۇ باياناتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسى بويىچە سۆزلەيدىغانلىقىنى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەتەن ئىچىدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى،ئۆزىنىڭ تېلېۋىزوردا جۈمە تاھىرنىڭ دالاي لامانى ئەيىبلەپ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ھېس تۇيغۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تەربىيىلىگەن ئادەملىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئازغىنا ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن ھەرقانداق گەپنى قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۈمە تاھىرغا ئوخشاش ئاتالمىش" ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار" دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئوچۇم كىشىلەرنى سۆزلىتىش ئارقىلىق خەلق قەلبىدىكى دىنىي داھىيلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇنداق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىگە ھېچقاچان ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

 تۈركىيە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، دىنىي ئۆلىما ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى دىنىي زات ئاتىۋالغان جۈمە تاھىرنىڭ تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى بولغان دالاي لامانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ نامى بولغان " شەرقىي تۈركىستان" نامىنى تىلغا ئالغانلىقىنى دەستەك قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە يانتاياق بولۇپ، تىبەتلەر قەلبىدە مۇقەددەس ئورۇندا تۇرىدىغان دالاي لامادەك بىر زاتقا تىل تەككۈزۈشىنىڭ ئۆزىنى دىنىي زات دەپ ئاتىۋالغان بىر كىشىگە مۇناسىپ ئەخلاق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ جۈمە تاھىرنى " دىنىي مۇناپىق" ئەيىبلىدى.

دىنىي ئۆلىما دوكتۇر ئاتاۋۇللا شاھيار ئەپەندى يەنە ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىنىڭ نامىنى خۇددى ئاتىسى ئەرزان چاقىرىپ قويغان ئۆز ئىسمىدەك مۇقەددەس بىلىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆز ئانا تۇپرىقى بولغان " شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلۋەتتە " شەرقىي تۈركىستان " دەپ ئاتاش ھەققى بارلىقىنى، " شىنجاڭ" دېگەن بۇ نام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تاڭغان نامى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھاقارەتلىك نامنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن" بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى" قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا تەكلىپ سۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانىنىڭ نامىنى " شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتاشنى تەلەپ قىلىشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان ھەم قوللىغان ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخسنى خىتاينىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ " شەرقىي تۈركىستان نامىنى تىلغا ئېلىشىغا قارىتا بۇ قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق، چەتئەللەردىكى "شەرقىي تۈركىستان" تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزلىرى بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەتلەر ھەم كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ھەق ھوقۇقلىرىنى قولغا ئېلىش يولىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.