خىتاينىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئانا-بالىلارنى قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ يالغانلىقى بايقالماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.06.28
2010.06.28

RFA Photo / Shohret Hoshur
نەزەرباغ يېزىسىنىڭ باشلىقىمۇ ، ئۆزىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يېزىدا يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر ۋەقەدىن خەۋەردار بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما كامبودژا ۋەقەسىنى پەقەت كوچا خەۋەرلىرىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
نەزەرباغ يېزىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولسا، بۇ مەسىلىنىڭ سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە مەلۇماتنى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورۇندىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇمۇ ئوخشاشلا، ئىككى بالا ۋە بىر ئانىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىق مەسىلىسىدە ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا دېيىلگەنلەرنى توغرا ياكى خاتا دەپ ئىپادە بىلدۈرمىدى.
خىتاينىڭ كامبودژا ۋەقەسىدە ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقانلىقى باشتىنلا مەلۇم. ئەمما، 2 بالا ۋە بىر ئانىنىڭ باشقا بىر دۆلەتتە تۇتۇلۇپ، ئارقىدىن يۇرتىغا قويۇۋېتىلىشىدەك چوڭ بىر ۋەقەنى يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلمەسلىكى ئېھتىمالدىن ئۇزاق. شۇڭا خىتاينىڭ ئىككى بالا ۋە بىر ئانىنى قويۇپ بەرگەنلىكىنىڭ راس ياكى يالغانلىقىنى ئىسپاتلاش قىيىن بولماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.