كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى خىتايدىكى ھوقۇق ئالمىشىش توغرىسىدا چاقىرىلغان مەتبۇئات يىغىنىغا قاتناشتى
2012.11.09
قۇرۇلتايدا بېكىتىلىشىچە، كېلەر 3 - ئايدىن باشلاپ شى جىنپىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى، لى كېچاڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئوتەيدىغانلىقى ئېنىق. بۇ خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئون نەچچە يىلدىن بېرىقى كەڭ كۆلەملىك ھوقۇق تەڭشىشى بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يېڭى ھوقۇقدارلىرى نۇرغۇن سىياسى، ئىقتىسادى، مۇھىت ۋە ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىر دەۋرىدە، بولۇپمۇ شەرقى تۇركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىق ئۇچىغا چىققان بىر دەۋردە مەيدانغا چىقتى. ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نىيىتى بارمۇ؟ خىتايدىكى يېڭى ھوقۇق ئالمىشىش سىياسى ئىسلاھات پەيدا قىلىپ، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنى يولغا قويالامدۇ؟ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەقىقانىي تەلەپلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ مانا مۇشۇنداق بىر قاتار سوئاللار دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، كانادادىكى خىتايغا دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغان تەشكىلاتلار مەتبۇئات يىغىنىدا بۇ ھەقتە كانادا مەتبۇئاتلىرىغا ئۆز كۆز قارىشىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى مەتبۇئات يىغىنىغا ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتى، دېموكراتىك خىتاي فېدېراتسىيىسى تەشكىلاتى، تىبەت كانادا جەمئىيىتى، ۋە كانادادىكى تەيۋەنلىكلەر جەمئىيىتى قاتارلىقلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
ئۇيغۇر كانادا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىل ئابباس سۆز قىلىپ، خىتايدىكى ھوقۇق ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئۈمىدسىز قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.