بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيىدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، كانادا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ۋە فرانسىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ لىۋىيىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇ رايونغا 6 دانە F18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن 140 نەپەر ھەربىي خادىمنى ئەۋەتتى. كانادادىكى ئۆكتىچى لىبېرال پارتىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ،لىۋىيە دائىرىلىرىگە قارىتا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلىقىنى،ئەمما كانادا ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىشى ئۈچۈن، پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.
كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر جۈمە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىنىڭ روھى بويىچە،لىۋىيە خەلقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا،فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيىگە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كانادا بۇ قارار لايىھىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىدۇ. بىزنىڭ F18 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىمىز لىۋىيىدىكى ئۇچۇش چەكلەيدىغان رايوندا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئەگەر پولكوۋنىك كازافىي خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا يەنە بويسۇنمىسا، كانادا ئارمىيىسى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرگە، ئۇنى بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ، دېدى. ئۇ سۆزىدە، ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتىگە جاۋابەن لىۋىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى،لېكىن شۇنداقتىمۇ، كازافىيغا بۇ ھەربىي تەھدىتنى ھېس بىلدۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ھەربىي كۈچنىڭ ئۇ يەردە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
ستېپھېن ھارپېر يەنە، ئەركىنلىك-ھۆرلۈك ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان خەلقلەرنى قوللاش ۋە ئۇلارغا ئىلھام بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئېلىپ: لىۋىيە خەلقى ئۆزى ئىشەنگەن ئەركىنلىك ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسىگە مەدەت بېرىش ھەممىمىزنىڭ ئەخلاقى بۇرچىدۇر،دېدى. باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېر شەنبە كۈنى، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان لىۋىيە دىكتاتورى كازافىيغا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغان غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ باش قوشۇش يىغىنغا قاتناشتى. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا كازافىي ئىسيانچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىشى بىلەن، كانادا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر ھەربىي پاراخوتى شىمالىي ئافرىقا دېڭىز ساھەسىگە ئورۇنلاشقانىدى. كانادا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر ماككاي يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە بەرگەن باياناتىدا، كانادا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ 48 سائەت ئىچىدە لىۋىيە چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، كانادا ئايروپىلانلىرى سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ، بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ئامېرىكا، فرانسىيە، ئەنگلىيە باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە شەنبە كۈنىدىن باشلاپ، دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلاردىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار بىلەن لىۋىيىدىكى ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغانىدى. كانادالىق ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر لىۋىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ، ئاساسلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70-يىللاردىكى كۈرەشچى ۋە بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى، بۇ ۋاقتى ئۆتكەن ئايروپىلانلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىلغار تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرغۇدەك كۈچىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا لىۋىيە ھاۋا ئارمىيىسى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن 2-3 كۈننىڭ ئىچىدىلا يوق قىلىنىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
كانادانىڭ تورونتو قاتارلىق شەھەرلىرىدە لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلارغا مەدەت بېرىش ۋە دىكتاتور كازافىيغا قارشى تۇرۇش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. شەنبە كۈنى تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا،نامايىشچىلارنىڭ فرانسىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرگەنلىكى كانادالىقلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان. فرانسىيە بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ لىۋىيىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى ئاكتىپ تەشەببۇس قىلغۇچى دۆلەتتۇر. بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى 1999-يىلى، كانادا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئىرقىي زوراۋانلىقلارغا ئۇچرىغان مۇسۇلمان كوسوۋالىق ئالبانلارنى قوغداش ئۈچۈن،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەركىبىدە سېربىيىنى بومباردىمان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقانىدى.