كازافىينىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئايال ساقچىلاردىن تاللىشىنىڭ سىرى

لىۋىيىنىڭ كاتتىسى مۇئەممەر كازافىي ئۆزىنى دۇنيادىكى دۆلەت باشلىقلىرىغا ئوخشاتماسلىققا تىرىشىپ كەلگەن بىر شەخسىيەت. ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ئايال ساقچىلاردىن تاللىنىشى ۋە بارغان يەرلىرىدە چېدىر قۇرۇپ ئولتۇرۇشى بۇنىڭ مىسالى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2011.09.06
kazafiy-ayal-muhapizetchiliri-305.jpg كازافىي ئايال مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن برۇسسەلدا زىيارەتتە. 2004-يىلى 27-ئاپرېل.
AFP

كازافىينىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ پەقەت ئايال ساقچىلاردىن تاللىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەر ساقچىلاردىنمۇ ئايال ساقچىلارغا بەكرەك ئىشەنچ قىلىدىغانلىقى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات سۆزلىنىپ تۇراتتى. تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرىدىمۇ كازافىي ھەمىشە ئايال ساقچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنەتتى. بۇ كازافىينىڭ باشقا دۆلەت باشلىقلىرىغا بىردىنبىر ئوخشىمايدىغان تەرىپى ئىدى.

لىۋىيە دۆلەت ئارمىيىسى تەركىبىدىكى ئاياللار قوشۇنىنىڭ قوماندانى ۋە كازافىينى قوغدايدىغان مەخسۇس ساقچىلارنىڭ مەسئۇلى ئائىشە ئابدۇسالام يېقىندا لىۋىيىدىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، كازافىينىڭ بەزى سىرلىرىنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە ئاڭلىتىشقا باشلىغان. ئۇ 2011-يىلى 5-سېنتەبىر كۈنى ھىندىستاننىڭ «دىنا» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، كازافىينىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئايال ساقچىلاردىن تاللىشىدىكى سەۋەب ۋە ئايال ساقچىلارنى تاللاش پرىنسىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەن لىۋىيىنىڭ جەنۇبى رايونىدىن بولۇپ، 1984-يىلىدىن بىرى لىۋىيە ئارمىيىسىدە ئىشلەپ كېلىۋاتقان بىر ئايال قوماندانمەن. مەن ھازىرغىچە ئۆيلەنگىنىم يوق. لىۋىيە ئارمىيىسى سېپىدىكى ۋە كازافىينىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى قاتارىدىكى ئاياللار ئەرگە تېگەلمەيدۇ. كازافىينىڭ مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئاياللاردىن تاللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب دۇنياغا لىۋىيە ئاياللىرىنى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھەق-ھوقۇققا ئىگە ۋە ئەرلەر ئىشلىگەن ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىيەلەيدۇ دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. شۇڭا ئۇ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىگە ھەمىشە ئاياللار بىلەن كۆرۈنۈشنى ياقتۇراتتى.»

كازافىينىڭ يېنىدا ھەمىشە 3 ئايال ساقچى بولاتتى

ئائىشە ئابدۇسالام مەزكۇر گېزىتكە يەنە مۇنداق دەپ بايانات بەرگەن: «كازافىي 3 نەپەر ئايال ساقچىنىڭ ھەمىشە يېنىدا بولۇشىنى خالايتتى. ئۇ لىۋىيە تېررىتورىيىسى ئىچىدە قانداقلا جايغا بارسا 3 نەپەر ئايال ساقچىنى ئېلىپ ماڭاتتى. ئەمما، چەتئەللەرگە چىققىنىدا 4 ئايال ساقچىنىڭ ھەمىشە ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشى شەرت ئىدى. كازافىيغا ھەمراھ بولىدىغان ئايال ساقچىلارنى تاللاش ھوقۇقى ماڭا بېرىلگەن ئىدى. كازافىينىڭ سەپەرلىرىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇشقا تاللانغان ئايال ساقچىلار ئۆزلىرىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىشاتتى.»

كازافىينىڭ ئايال ساقچىلارنى تاللاش ئۆلچىمى

ئائىشە ئابدۇسالام كازافىينىڭ ئايال ساقچىلارنى تاللاش ئۆلچىمى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «كازافىي ئايال ساقچىلارنى تاللاشتا ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئاساس قىلمايتتى. پەقەت ئۇلارنىڭ بويىنى ئۆلچەم قىلاتتى. مۇھىم بولغىنى كازافىيغا مۇھاپىزەتچى بولۇپ تاللانغان ئايال ساقچىنىڭ كازافىينىڭ ئارقا تەرىپىدە كازافىينىڭ بويىدىن ئېگىز بولۇپ كۆرۈنۈشى ئىدى. شۇڭا ئۇ بويى پاكار ئاياللارنى مۇھاپىزەتچىلىككە تاللىمايتتى. كازافىينى قوغدايدىغان ئايال ساقچىلارنىڭ ئازراق گىرىم قىلىشىغىلا يول قويۇلاتتى. ئەمما باشقا ئاياللارغا ئوخشاش ياسىنىشىغا يول قويۇلمايتتى.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.