خىتاي تۈرمە دائىرىلىرى مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسىگە تۇنجى قېتىم كېرەم ئابدۇۋەلىنى كۆرۈپ كىتىشنى ئۇقتۇردى

ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى مەھبۇس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ تۈرمىدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كىتىۋاتقانلىقى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان ئىدى؛ ئارىدىن 10 - 15 كۈن ئۆتكەندە خىتاينىڭ تۈرمە ساقچىلىرى كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ كېرەم ئابدۇۋەلىنى كۆرۈپ كىتىشنى ئۇقتۇرغان. بۇ دەۋەتكە بىنائەن، مەزكۇر ئائىلىدىن 3 كىشى ئۆتكەن ھەپتە كېرەم ئابدۇۋەلىنى يوقلاپ كەلگەن. مەلۇم بولۈشىچە، تۈرمە شارائىتىدىكى كىچىككىنە ياخشىلىنىشتىن باشقا، كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىغان؛ ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى يەنىلا تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا.

0:00 / 0:00


تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئىنىسى ئابدۇراھمان ئابدۇۋەلىنىڭ بىلدۇرۈشىچە، مەزكۇر دەۋەت ھەققىدىكى تېلېفون ئۈرۈمچىدە ياۋرو - ئاسىيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جىددىي بىر مەزگىلدە كەلگەن. ئەمما دەۋەتتە ئۇلارنىڭ 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن كېيىن كىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ۋاقىت، يەرمەنكە ئاخىرلاشقاندىن ئىككى كۇن كېيىنگە توغرا كىلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، كېرەم ئابدۇۋەلى جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 22 يىلدىن بۇيان خىتاي تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەزكۇر ئائىلىنى مەھبۇسنى كۆرۈپ كىتىشكە دەۋەت قىلىشىدۇر. يىللاردىن بېرى ھەر قېتىملىق كۆرۈشۈشى قايتا - قايتا ئىلتىماسلاردىن كېيىن مىڭ تەسلىكتە مۇمكىن بولۇپ كېلىۋاتقىنى ئۈچۈن، مەزكۇر ئائىلە بۇ دەۋەتتىن دەسلەپتە تىڭىرقىغان، ئوخشاش تېلېفون قايتا كەلگەندىن كېيىن، كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئاكىسى، كىچىك ئىنىسى ۋە قىزى بولۇپ 3 كىشى كېرەم ئابدۇۋەلىنى كۆرگىلى بارغان، ھەر قېتىم 15 مىنۇت داۋام قىلىدىغان كۆرۈشۈش بۇ قېتىم يېرىم سائەت داۋام قىلغان، بۇرۇن ھەر قېتىمدا 2 دىن ئارتۇق كىشىگە يول قويمايدىغان ساقچىلار بۇ قېتىم 3 كىشىنىڭ كۆرۈشۈشىگە يول قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ تامىقى ئادەتتىكى جىنايەتچىلەردىن پەرقلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەنى قىسمەن ياخشىلانغان. مەزكۇر ئائىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېرەم ئابدۇۋەلى كۆرۆشۆشكە يەنىلا چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن چىققان، ماغدۇرسىزلىق ۋە كىسەللىك ئالامەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولمىغان. كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن سۆھبىتى يەنىلا كۈچلۈك نازارەت ۋە چەكلىمە ئىچىدە داۋام قىلغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئىنىسى ئابدۇراھمان ئابدۇۋەلىنىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ مۇئامىلىسىدە كىچىككىنە ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ، ئاكىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدا قىلچە ياخشىلىنىش بولمىغان، سالامەتلىكىدىكى ھاياتىي بىخەتەرلىك تەھدىتى يەنىلا داۋام قىلماقتا. شۇڭا ئۇ ئاكىسىنىڭ تېزدىن داۋالىنىشقا ئاپىرىلىشى ۋە تۈرمىدىن قويىۋىتىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتتىن يەنە بىر قېتىم ياردەم تەلەپ قىلدى.