خىتاي تەرەپ نەق مەيداندا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇنازىرىگە چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 18-نۆۋەتلىك يىغىنى 12-سېنتەبىر كۈنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە باشلانغان بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە پروگرامما يېتەكچىسى جانا براندىت خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان. جانا خانىم 15-سېنتەبىر كۈنى يىغىندا سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېغىر باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. بۇ سەۋەبتىن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى غۇلغۇلا قوزغىغان.
جەنۋەدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئاڭلىغايسىز.