شەرقىي جەنوبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى تەنقىدكە ئۇچرىدى

شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش يىغىنى كامبودژا پايتەختى پىنومپىندا 18-نويابىر باشلاندى. خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ كامبودژاغا كەلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012-11-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەرىتىدە ياپون بىلەن خىتاي تالىشىۋاتقان سېنكاكۇ/دياۋيۇ ئارىلى ۋە ياپون بىلەن جەنۇبىي كورىيە تالىشىۋاتقان تاكېشىما/دوكدو ئارىلى كۆرسىتىلگەن. 2012-يىلى 16-ئاۋغۇست.
خەرىتىدە ياپون بىلەن خىتاي تالىشىۋاتقان سېنكاكۇ/دياۋيۇ ئارىلى ۋە ياپون بىلەن جەنۇبىي كورىيە تالىشىۋاتقان تاكېشىما/دوكدو ئارىلى كۆرسىتىلگەن. 2012-يىلى 16-ئاۋغۇست.
AFP

فرانسىيە ئاۋازى ۋە گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 18-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنى باشلىنىش بىلەنلا ئىككى مۇھىم تېما ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىرى، شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش. ئىككىنچىسى، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى.

مەلۇمكى، شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى 1967-يىلى خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان. بۇ بىرلىكنىڭ دەسلەپكى ئەزالىرى ھىندونېزىيە، تايلاند، مالايشىيا، فىلىپپىن ۋە سىنگاپور ئىدى. 1984-يىلى برۇناي، 1995-يىلى ۋيېتنام، 1997-يىلى بېرما ۋە لائوس، 1999-يىلى كامبودژا ئەزا بولۇپ كىرگەن. 2006-يىلى شەرقىي تېمور ئەزالىق ئىلتىماسى تاپشۇرغان.

شەرقىي جەنوبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 600 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، يەرشارى نوپۇسىنىڭ 8 % ئىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىلا خىتاي بىلەن دېڭىز ئارقىلىق بىۋاسىتە چېگرىلىنىدۇ. ئەنگلىيە تەرەپنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە غايەت زور نېفىت بايلىقى بايقالغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنسۇئىلادىن قالسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي تەرەپ يىللاردىن بىرى بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى بارلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 18-نويابىر كامبودژادا باشلانغان يىغىندا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى سۇرىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان. بىراق خىتاي تەرەپنىڭ سۆزچىسى چىن گاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا 40-50 مىنۇتتەك كېچىكىپ كەلگەننى ئاز دەپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىگە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. ئۇ پەقەت بىرلا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا مۈجمەل جاۋاب بېرىپ، «رەھمەت، خەير خوش، كېيىن كۆرۈشەرمىز» دەپلا يىغىندىن تىكىۋەتكەن. ئانالىزچىلار بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن، چىن گاڭنىڭ تەييارلىقسىز ئىكەنلىكىنى، خىتاي يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ ھەقتە پىكىر بىرلىكى بولمىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. ئەمەلىيەتتە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكىنىڭ خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، زېمىن ۋە دېڭىز ماجىرالىرىنى ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگىنىگە 10 يىلدىن ئاشقان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى سۇرىن پىتسۇۋان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن 19-نويابىر كۈنى ئايرىم سۆزلىشىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ جىددىي سۆزلىشىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىل، بايلىق تالىشىش مەقسىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ماجىرالارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت. ھەر قايسى تەرەپتە بارغانسېرى كۈچلۈك باش كۆتۈرۈۋاتقان مىللەتچىلىك ھەرىكىتى سەۋەبىدىن، دېڭىزدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان. ئەمما خىتاي تەرەپ ھازىرغىچە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلىپ، بۇ بىرلىككە ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشنى تەكىتلەپ كەلگەن.

بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە ئانالىز قىلىنىشىچە، خىتايلار «جەنۇبى دېڭىز» دەپ ئاتايدىغان بۇ رايونغا بىۋاسىتە قوشنا بولغان 10 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكى بىلەن خىتاي ئارىسىدا كەلگۈسىدە توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس. جەنۇبى دېڭىز ماجىراسى ھازىرقى سەنكاكۇ ئارىلى ماجىراسىدىن چوڭ. سەنكاكو ئارىلى ماجىراسى ياپونىيە بىلەن تۈگىسىمۇ، جەنۇبى دېڭىز ئارىلى ماجىراسى 10 دۆلەتكە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دېڭىز چېگراسى ھازىرغىچە ئېنىق بېكىتىلمىگەن. ھىندونېزىيە، تايلاند، ۋيېتنام قاتارلىق ئىقتىساد ھەم ھەربىي قۇۋۋەتتە كۈنسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەر خىتاي تەھدىتىگە ئۈنۈملۈك جاۋاب قايتۇرۇش كۈچىگە ئىگە.

خەۋەرلەردە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ دەل مۇشۇ يىغىن مەزگىلىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىدە 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ 60% ئىنى ئاسىياغا يۆتكەيدىغانلىقى، بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا دىققەتكە سازاۋەر بىر ئىش شۇكى، يىغىندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەن جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، سۆز ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغان. گەرچە بۇ خىتابنامە خىتاينىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتىگە سېلىشتۇرغاندا زور ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە بېسىلغان ئىجابىي قەدەم ھېسابلانسىمۇ، ب د ت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىدىن پەرقلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغان. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بىر خادىمى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھەر دۆلەت، رايون ياكى بىرلىكلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى بېكىتىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئۆلچەملەر كەلگۈسىدە سەۋەب كۆرسىتىش، سۇيىئىستېمال قىلىشتەك يوچۇقلارغا يول قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەلقئارادىكى 60 تىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىمۇ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكىنىڭ بۇ خىتابنامىسىنى تەنقىدلىگەن. ھازىرغىچە بۇ خىتابنامىنىڭ تولۇق مەزمۇنى بىزگە تېخى مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت