ياپونىيىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بومبا تاشلاندى
2012.09.19
ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئارال ماجىراسى تۈپەيلىدىن خىتاينىڭ 125 شەھىرىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونغا قارشىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى، ياپون ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە شۇنداقلا ياپونىيە شىركەتلىرىگە، سودا-سارايلىرىغا، خىتايدىكى ياپونىيە ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تاش ئېتىپ، ئۇرۇپ-چىقىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت ئالتىدە فۇكۇئوكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يەنى نامەلۇم بىر ئەر كىشى ئىسلىق بومبىدىن بىرنى كونسۇلخانا ئىچىگە تاشلىغان ۋە بىرئازدىن كېيىن ئۆزىنى ساقچىغا كىرىپ مەلۇم قىلغان. بومبا تاشلىغۇچىنىڭ سالاھىيىتى تېخىچە ئېنىق ئاشكارىلانمىغان. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ھېچقانداق يارىلىنىش ۋە باشقا ھادىسىلەر كۆرۈلمىگەن. ئۇندىن باشقا، كوبې شەھىرىدىكى خىتاي تىلى مەكتىپىنىڭ دەرۋازىغىمۇ ئوت قويۇلغان.
خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئىسلىق بومبا تاشلاش ۋەقەسىدىن كېيىن،خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى دەرھال ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ياكى ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىنى جىسمانىي بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرغان ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:
خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى ياكى مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىسا، ياپونىيە ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىن ئەتراپتىكى خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ۋە ئەلچىخانىسىغا زىيان ئۇچراش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، ياردەم سورىشى كېرەك.
ياپونىيىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئىسلىق بومبا زەربىسىگە ئۇچرىشى بىر تاسادىپىي ھادىسە بولۇپ، ياپونىيىدە ياپونلاردىن ھېچكىم خىتايغا قارشى نامايىش ۋە ياكى خىتاي شىركەتلىرىگە، خىتاي پۇقرالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش ھادىسىسى تېخىچە كۆرۈلگىنى يوق. ئەمما خىتايدىكى ياپونىيىلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە شۇ يەردە خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان ياپونىيىلىكلەر قورقۇنچ ئىچىدە ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقالماي ئەندىشە ئىچىدە ياشىماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ھازىر ياپونىيىدە مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. خىتاي ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، بۇ يەردە ھېچقانداق ئۇنداق ئىشلارنىڭ تەسىرىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ياپونىيىدە يۈز بەرگەن، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە خىتاي تىلى مەكتىپىگە ئوت قويۇش ۋەقەلىرىگە نىسبەتەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.