كورلىدا ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ھەيدەپ چىقىرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا

كورلىدا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە كورلىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ھەرىكىتى باشلىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كورلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى.
كورلىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى.
RFA

كورلىدا 8-مارت كۈنى خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقان پىدائىيلار قەشقەر ۋە ئاقتۇدىن بولغانلىقى ئۈچۈن، كورلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلاردىن باشقا يەنە، كورلىدا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە كورلىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ھەرىكىتى باشلىغان. بۇ ئەھۋال رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن باشقا، تۈركىيىدىكى ئىستىقلال خەۋەر مەركىزىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىمۇ ئاشكارىلانغان.

كورلىدا 8-مارت توقۇنۇشى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىدا جەمئىي 21 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى توختى ئىبراھىمنىڭ بومبا ياساش ۋەقەسىگە چېتىشلىق گۇماندارلار ۋە پىدائىيلارنىڭ يېتەكچىسى نەسىرۇللا ۋە ئۇنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالىغا ياردەم قىلغۇچىلار ئىدى. 8-مارت توقۇنۇشى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن.

بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، توقۇنۇشقا چېتىشلىق گۇماندارلاردىن باشقا يەنە، كورلىدا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق، بولۇپمۇ قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە كورلىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ھەرىكىتى باشلىغان.

تۈركىيىدە ئىنتېرنېتتىن تارقىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستىقلال خەۋەر مەركىزىمۇ، تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان. ئىستىقلال رادىئوسىنىڭ خەۋرىدىمۇ، كورلىدا ياقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئاۋارىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

ئىستىقلال رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كورلىدىكى ئۇيغۇر پىدائىيلار، خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىپلا قالماستىن، سوراق داۋامىدىمۇ خىتاي ساقچىلىرىغا باش ئەگمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت