نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو ئىز-دېرەكسىز غايىب بولدى

نورۋېگىيىدە چىقىدىغان پوچتا كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى كۈزدىن باشلاپ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.

0:00 / 0:00

ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا ئۇنى تۈرمىگە بېرىپ يوقلاپ كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى بەش ئاي ئىچىدە ئۇنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغان. ليۇ شيا ئائىلىگە نەزەربەند قىلىنغاچقا، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشقا تامامەن ئامالسىز قالغان.

نوبېل كومىتېتىنىڭ كاتىپى، نوبېل ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى گەئىر لۇندەستاد مۇخبىرغا، ليۇ شياۋبونىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ھېچكىمنىڭ بىلەلمىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا، ئادەمنى ئىنتايىن ئەنسىرىتىدۇ ۋە خاتىرجەمسىز قىلىدۇ دەپ ئېيتقان.

بەزى كوچا پاراڭلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى باشقا تۈرمىگە يۆتكىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بولۇپمۇ، خىتايدا ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى يېقىنقى ۋاقىت ئىچىدە ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى خىتاي زىيالىيلىرى ۋە ئادۋوكاتلىرى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتى خېيىمخەتەر ئاستىدا قالغان.

لۈندەستاد مۇخبىرلارغا يەنە مۇنداق دېگەن: بىز ھازىرغىچە ليۇ شاۋبونىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدۇق. شۇنىسى ئېنىقكى، بىز ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەۋاتىمىز. بىز ئۇنىڭ ئىز -دېرىكىنى ئېلىشتا يەنىلا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېڭى ئۇچۇرىغا تايىنىۋاتىمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات مەنبەلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز.

ليۇ شياۋبونىڭ ئايالى ليۇ شيا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ليۇ شاۋبوغا بېرىلىش جاكارلانغان ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھېچكىمگە خەۋەر بېرەلمىگەن. پەقەت، بۇ يىل فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ دوستىغا ئىنتايىن قىسقا بىر ئۇچۇر يوللاشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق يازغان: مەن پەقەت يىغلاپلا ئولتۇرۇۋاتىمەن،ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلمىدى.

2010-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاي دېموكراتچىسى ليۇ شاۋبوغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىيە يوللىرىنى ئىشقا سېلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ مۇكاپاتنى ئۇنىڭغا بەرمەسلىك ھەققىدە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن. مۇكاپات 10-دېكابىر كۈنى تارقىتىلغاندا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ھېچكىم كېلەلمەي ليۇ شاۋبو ئۈچۈن تەييارلانغان مۇراسىم زالىدىكى ئورۇندۇق بوش قالغان ئىدى.