لىۋاندىكى ھىزبۇللاھچىلارنىڭ جىنايەتلىرى

لىۋاندىكى ھىزبۇللاھچىلارنىڭ سۈرىيە خەلقىنى ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىدا بەششار ئەل ئەسەدكە يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا خەلقىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتمەكتە.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.11.05

مەلۇمكى، ھىزبۇللاھچىلار ئىراننىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى ئىككىنچى يۈزى بولۇپ، ئۇلار مۇندىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيىگە قارشى مەۋقەسى بىلەن ئەرەبلەرنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قايىل قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، سۈرىيە مەسىلىسىدە بەششار ئەسەدنى قوللاش ۋە ئىنقىلابچى خەلقنى ئۆلتۈرۈش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت قىلمىشلىرى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار ئوتتۇرا شەرقتە ھەر قايسى ئىسلام دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ياقتۇرۇلمىغان بىر جامائەت ھالىغا كېلىپ قالغان.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 3-نويابىر سانىدا، «ھىزبۇللاھچىلارنىڭ چۈمپەردىسى ئېچىلىپ بولدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ھىزبۇللاھچىلارنىڭ بەششار ئەل ئەسەدنى كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئاخىرىغىچە قوللاش نىيىتىدىن يانمىغانلىقى ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ئاشۇرۇۋەتكەندەك، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىمۇ ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ھىزبۇللاھچىلارنىڭ تۈگىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ ئەقلىيىتىنىڭ ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خۇددى ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان تامنى تۇتۇۋالىمەن دەپ ئۆزىنى ھالاك قىلغانغا ئوخشاش بىر ئەخمەقلىقتۇر. شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ‹ۋاشىنگتون پوست› گېزىتى بىلەن ئەنگلىيىنىڭ ‹سانداي تېلېگراف› گېزىتىنىڭ ھىزبۇللاھچىلارنىڭ ئىچىدە ئەسەدنى قوللاش مەسىلىسىدە بۆلۈنۈش بارلىقىنى، دۇنيا سىياسىتىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار ئادەملىرىنىڭ كېيىنكى زىيان-زەخمەتنى ئويلاپ ئەسەدنى قوللاشنى رەت قىلىدىغانلىقى ۋە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن ئىرانچى كۈچلەرنىڭ ئەسەدنى ئاخىرىغىچە قوللاشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ھىزبۇللاھچىلارنىڭ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. بۇ ئىككى گېزىتتە يەنە ھىزبۇللاھچىلارنىڭ بەششار ئەسەدنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە سۈرىيىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش دېگەن پىكىردە چوڭ ئىختىلاپ ئىچىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.»

ھىزبۇللاھچىلارنىڭ تەقدىرى سۈرىيىگە باغلىق

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«ئىراننىڭ ۋە ھىزبۇللاھچىلارنىڭ سىياسەتچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سۈننى مۇسۇلمانلار بىلەن تىركىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى كۆپلىگەن مۇسۇلمان خەلقنىڭ نەپرىتىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار سۈرىيىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. چۈنكى ھىزبۇللاھچىلارنىڭ تەقدىرى سۈرىيىگە باغلىق. ئۇلار لىۋاننى ئىدارە قىلغاننىڭ سىرتىدا سۈرىيىدە مەلۇم نۇپۇزغا ئىگە بولۇشنى تەمە قىلماقتا. ھىزبۇللاھچىلار شۇنداق بىر پاتقاققا كىردىكى، ئۇنىڭدىن چىقاي دېسىمۇ چىقالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار 2006-يىلى ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قويۇپ، دۇنياچە شۆھرەت قازانغان بىلەن بۇ قېتىم سۈرىيە مەسىلىسىدە ئىلگىرىكى شۆھرەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقاردى. ھىزبۇللاھچىلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللانى ئۇلۇغلاپ ئىلاھ دەرىجىسىگە چىقىرىۋالغان. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇرۇش ئاتا قىلغان شۆھرەت يۈزىسىدىن ئىدى. شۇڭا دەيمىزكى، ھىزبۇللاھچىلار ئەسەد بىلەن بىرلىكتە تۈگىشىش ئالدىدا تۇرغان بىر سايە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.