لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى تەيۋەندە ئويۇن قويدى

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۇ ئاينىڭ 30 - كۈنى (يەكشەنبە كۈنى) تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 2010 - يىللىق "يىپەك يولى بايرىمى" غا قاتنىشىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى . بۇ سەنئەت بايرىمىغا موڭغۇلىيە، ئىران ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سەنئەت گۇرۇپپىلىرى ھەم مۇزىكا تەتقىقاتچىلىرى قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.05.31
rahime-we-Raychal-Herris-taywanda-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 30 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﻳﯟﻩﻧﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ 2010 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ "ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ" ﺩﺍ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۇ پائالىيەتكە ئۈرۈمچىدىنمۇ سەنئەتچىلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغان ئىكەن. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان "يىپەك يولى سەنئەت بايرىمى"دا ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك كۆرسىتىلگەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرغۇچىسى در. رېيچېل خارىس خانىم ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا ۋاكالىتەن مەزكۇر پائالىيەتكە رەھىمە خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ناخشىلىرىدىن ئارىيەلەر سۇنىدىكەن.

ئۇلارنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇندىشىغا ئۇيغۇرچە مىللىي مۇزىكا ئەسۋابلىرىنى چېلىشنى ئۆگەنگەن ئىككى نەپەر تەيۋەنلىكمۇ ھەمكارلاشقان.

رەھىمە خانىم تەيۋەننىڭ پايتەختى تايبېيدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىپەك يولى سەنئەت بايرىمى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.