لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتماقتا

تاماشىبىنلارنىڭ يۈكسەك ئالقىش - سادالىرى ئىچىدە قىزغىن تەبرىكلەرگە مۈيەسسەر بولۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى "ئوما ئورۇيسەن" ناملىق بۇ ناخشىنى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ مۇزىكانت ۋە ناخشىچىسى ئورۇنلىماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2010.10.20
London-Uyghur-Ansambili-senetkarliri-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۆز ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، سەرسان بولۇپ يات ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەناسىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ۋە چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائى قىممىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتكەن، ئەنگىلىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھالدا، ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىمكانىيەتلەردىن، تالانت ئىگىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، "لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى" نى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، بۈگۈنكى سىياسىي ئەھۋالىنى ۋە مول مەدەنىيىتىنى برىتانىيە جەمئىيىتىگە تونۇشتۇرۇش يولىدا ئىزچىل تۈردە ئىزدەنمەكتە ۋە تىرىشماقتا.

مەزكۈر ئانسامبىل 2004 ‏- يىلى ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان بىر قانچە كىشىدىن تەشكىللىنىپ رەسمىي يوسۇندا قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىباپ ناخشا، مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنيا خەلقلىرىگە جۇملىدىن ئەنگىلىيە خەلىقىگە تونۇشتۇرۇشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن ئەنگىلىيىدىكى تۈرلۈك كەسپىي، ئىلمىي ۋە ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.
London-Uyghur-Ansambili-senetkarliri-1-305
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﻛﻮﭼﺎ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﯩﺪﻩ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻟﻮﻧﺪﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئانسامبىلنىڭ ھازىرقى ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە ئۇسۇلچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن، قىرغىزىستاندىن شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئېنگىلىز مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ھەمدە ئۇيغۇر سەنئىتىگە ئىشتىياق باغلىغان ئېنگىلىز مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئانسامبىل ئۇيغۇر ئىجادىي ۋە خەلق ئاھاڭلىرىدىن ئىلى خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرى، كىلاسسىك "ئۇيغۇر 12 مۇقامى" نى ئورۇنلايدۇ.

ئانسامبىل ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەنگىلىيىگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، تۇنجى قېتىملىق ناخشا ‏- مۇزىكا سەنئىتىنى "لوندون 2005 ‏- يىللىق مۇساپىرلار بايرىمى" دا سەھنىگە ئېلىپ چىققان.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە ئانسامبىلنىڭ نۆۋەتتە ئەنگىلىيىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ قىزغىن قوللاپ ‏- قۇۋەتلىشىگە سازاۋەر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى.

لوندوندا مۇزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوكتور رىچال خاررىس خانىم، ئانسامبىلنىڭ مۇزىكا يېتەكچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن بىرگە، ئانسامبىلنىڭ دۇتتار ماھىرى بولۇپ، زىيارىىتمىزنى قوبۇل قىلغان رىچال خانىم، سۆزىنى ئۇيغۇرچە سالام بىلەن باشلىدى.

رىچال خانىم، سوزىدە يەنە، 5 يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانسامبىلنىڭ كۆپ قېتىم ئەنگىلىيە، نورۋىگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىپ، ئىجابىي باھالارغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلە بىرگە، ئۇيغۇر سەنئىتىنى غەرب ئەللىرىدە نامايەن قىلىشنىڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر سەنئىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىدە چېكىۋاتقان ئازاب ‏- ئوقۇبەتلىرىنى، دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى سىياسىي بېسىمىنى ۋە بۇ مىللەتنىڭ ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك، تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ھۆرلۈككە ۋە ئەركىنلىككە مۇناسىپ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دۇنيا خەلقىگە ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تونۇۋاتقان پائالىيەتلىرىدىن تەسىرلەنگەن چەتئەللىكلەرنىڭ باھاسىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى، كانادادىن ئەۋەتىلگەن بىر مەكتۈپتىكى مەزمۇنلارنى ئاڭلاتتى.

نورۋىگىيە ۋە ئىرلاندىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت فېستىۋاللىرىغا قاتناشقان لوندۇن ئۇيغۇر ئانسامبىلى، ئەنگلىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردە نومۇر كۆرسەتكەندىن سىرت، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىدە 30 مەيداندىن كۆپ نومۇر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلار يەنە، 21 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ New Castle شەھىرىدە بىر قانچە مەيدان سەنئەت نومۇرى كۆرسىتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.