لوندون كىتاب يەرمەنكىسىدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىتىلدى

ئەنگلىيىدە 15 - ئاپرېلدىن 18 - ئاپرېلغىچە داۋام قىلغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە ئەنگلىيىدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى بىرلىكتە نامايىش قىلىپ، خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.04.20
london-qelemkeshler-jemiyiti-305.png خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدىكى نامايىشتىن بىر كۆرۈنۈش
Photo: RFA

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ھەم رەھىمە خانىملار بۇ قېتىمقى يەرمەنكە مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە بوغۇلۇۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكى ھەم تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەھۋالىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لوندۇندا ئېچىلغان خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىگە قاتناشقان خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى دېموكراتىك قەلەمكەشلەر، ئوخشىمىغان ئورۇن ۋە ئوخشىمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي يازغۇچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشقان ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ھەم رەھىمە خانىملار، يەرمەنكە جەريانىدا خىتايدىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە قارشى ئۈنسىز شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا، خىتايدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك بېسىملار ھەم خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاڭلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى يەرمەنكە مەزگىلىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ پىلانلىق ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يەرمەنكىنىڭ 1 - كۈنى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئەپەندىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئومۇمىيۈزلۈك دوكلات بەرگەنلىكىنى، يەرمەنكىنىڭ 2 - ھەم 3 - كۈنلىرى ئۆزى ھەم رەھىمە خانىمنىڭ نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ھەم خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى بوغۇلغان شارائىتتا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەرمەنكىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا، نۇقتىلىق ھالدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ھەم 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى مەزگىلىدە تۈرمىگە قامالغان 300دىن ئارتۇق تور بېكەت باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن رەھىمە خانىم، ئۆزىنىڭ شېئىر دىكلاتماتسىيە قىلىش ئۇسۇلى ھەم نۇتۇق سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىپ، يەرمەنكە قاتناشقۇچىلىرى، كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر ھەم ب ب س قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار مۇخبىرلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە بولغان قىززىقىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي بۇ يىللىق كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ ساھىبخان دۆلىتى بولۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان خىتاي ۋەكىللىرى، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن بىۋاسىتە بەلگىلەپ چىققان يازغۇچىلار سېپىدىن تەشكىللەنگەن. يەرمەنكىگە يەنە خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بىر مۇنچە سىياسىي رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار خىتاينىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.

خىتاي پارتىيە مەركىزى كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ بىنجې نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، يىغىن مەيدانىدا ئولتۇرغان نامايىشچىلار «ئەركىن پىكىر قىلىش گۇناھ ئەمەس»، «خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىمنى توختات» دېگەن شوئار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئاۋازسىز قارشىلىق بىلدۈرگەن.

ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئۆز بايانىدا ئەينى چاغدىكى ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ، يەرمەنكىگە قاتناشقان تىبەت، ئۇيغۇر ھەم خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئۈنسىز ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشى ھەم چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ يىغىن مەيدانىدا سورالغان ئۆتكۈر سوئاللىرى ئالدىدا يەرمەنكىدە خىتاي تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئاز بولغان شارائىتتىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچى - شائىرىلىرى ھەم تۈرمىدىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى قۇتقۇزۇش ھەققىدىكى مۇراجەتنى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئارقىلىق دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رەھىمە خانىم، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ئۇسۇلدا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىلدۈرۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىمكانىيىتىگە يارىشا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.