29 - ئاۋغۇست ئاتوم يادرو قوراللىرىنى چەكلەش خاتىرە كۇنىدە - لوپنۇر

ھەر يىلى 29 - ئاۋغۇست كۈنى دۇنيا خەلقى ئاتوم يادرو قوراللىرىنى چەكلەش خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان خەلقلەرنى ئەسلەش ئارقىلىق، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

قازاقىستاننىڭ شەمەي ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنور رايونلىرىدىكى ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر، قازاق خەلقىنىڭ ئازاپ - ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.