خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، تۆتىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيرۇقى بىلەن، خوتەنگە ئاپەتنى تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن. بۇنىڭغا 9-مارت خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىنى مەركەز قىلىپ يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى سەۋەب بولغان.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسىدە 3-ئاينىڭ 9-كۈنى شۇ جاي ۋاقتى سەھەر 4:50 ئۆتكەندە 6 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبە چوڭقۇرلۇقى 30 كىلومېتىر. بۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرى خوتەن، ئاقسۇ، قەشقەر، كورلا، ئىلى قاتارلىق 16 ناھىيە، شەھەر ۋە يېزىلارغا قەدەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆرۈلگەن.
ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان جايلار، خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى دول ۋە ئاۋات، بوستان يېزىلىرى، خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ۋە قارىقاش ناھىيىسىنىڭ بەزى يېزىلىرى بولۇپ،ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە -11مارت تارقىتىلغان ستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، بۇ يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغانلار 30مىڭ 764 ئائىلە، 144 مىڭ 201 كىشىگە يەتكەن.
يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە 5267 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن، 84مىڭ 679 ئېغىز ئۆيگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە دەز كەتكەن. ئاپەت ئېغىر جايلاردىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك كىشى 36 مىڭدىن ئاشىدۇ. بىر قىسىم مەكتەپ، ياتاق، دوختۇرخانا ۋە دېھقانلارنىڭ پارنىكلىرى ئۆرۈلۈپ ۋەيران بولغان. ھەتتا سۇ ئۆتمەس ئۆستەڭلەرنىڭ بىر قىسمىمۇ ۋەيران قىلىنغان، دائىرىلەر گەرچە ھازىرغىچە ئۆلۈم -يېتىم ئەھۋالىنىڭ مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بۇ يەر تەۋرەشنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرىنىڭ تېخى تولۇق ستاتىستىكا قىلىنىپ بولمىغانلىقىنى بەزى جايلاردا ئاپەتنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرىنىڭ بارغانچە ئارتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە دائىر تارقىتىۋاتقان خەۋەرلىرىدە يەنىلا بۇرۇنقىدەك دائىرىلىرىنىڭ ئاپەتتىكى خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھالدا ھەربىي ۋە كادىرلارنى ئەۋەتكەنلىكى، خەلقنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇلۇپ، ئاپەتتىكى خەلقنىڭ بىر قىسمىنىڭ بىخەتەر جايلارغا كەپىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ خاتىرجەم قىلىنغانلىقى تەشۋىق قىلىنماقتا. بىز لوپ ناھىيىسىدىكى ئاپەت ئېغىر بولغان يېزىلارغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئاپەتتە تېلېفون ھەم توك سىملىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كاشىلىغا ئۇچرىغان بولغاچقا ئۇ جايلار بىلەن ئالاقە ئۇلانمىدى.
خوتەن ۋىلايەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئامال بار بۇ يەر تەۋرەشنى كىچىكلىتىپ كۆرسىتىپ، خوتەنگە تەسىرى بولمىدى، ئاساسەن شىزاڭغا يېقىن ئالار تاغلىق رايونى ۋە قۇملۇقتا يۈز بەردى دېدى.
لوپ ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى بىر ياش، يەر تەۋرەش تەسىرىنىڭ خېلى زور بولغانلىقىنى، ناھىيە بازار ئىچىدىكى ئۆيلەرنىڭمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئۆزىنىڭمۇ ۋە قوشنىلىرىنىڭمۇ ئۆيلىرىگە دەز كەتكەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تېخى تەكشۈرۈشكە كەلمىگەچكە، ھازىرچە ئامال يوق خەتەرلىك ئۆيلەردە داۋاملىق تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى، يەرلىك رادىئو ئۇزۇلىنىڭ 9 مىڭچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 623 مىليون 483 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى دېھقانلار ئاساسەن لاي كېسەكلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشلۇق، ئادەتتە لاي كېسەك ئۆيلەر 5 بالدىن يۇقىرى بولغان يەر تەۋرەش ھادىسىلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ھازىرغىچە بۇ جايلاردا يۈز بەرگەن بەش بال ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەشلەرنىڭ كەلتۈرگەن ئاپەتلىرى زور بولۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم 16 شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلارغىچە تەسىرى كۆرۈلگەن بۇ يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 6 بال.