مەركىزى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، يىلدىن-يىلغا خىزمەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىزمەت تۈرى بويىچە بىر قانچە بۆلۈم ۋە شۆبىلەر تەسىس قىلدى. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە ھازىر بۇ جەمئىيەتنىڭ تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى، ئىستىقلال تور رادىئو-تېلېۋىزىيە نامى بىلەن تەشۋىقات بۆلۈمى، سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى نامى بىلەن تەرجىمە ۋە نەشرىيات بۆلۈمى، شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە-تەتقىقات مەركىزى نامى بىلەن تەتقىقات بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەر قۇرۇلۇپ، خىزمەت تۈرلىرى بويىچە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى يېقىندا يەنە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفا كۆي رايونلىرىدا ئىلگىرى ۋاكالەتچى ئىش بېجىرىش ئىشخانىلىرى بولغانلىقى ھازىر بۇ رايونلاردا ئايرىم-ئايرىم شۆبىلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرى زەيتىنبۇرنۇدا ۋاكالەتچى ئىش بېجىرىش ئىشخانىسى بار بولۇپ، ھازىر ئىستانبۇل ۋالىيلىقى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن رەسىمى شۆبە ئېچىلدى. شۆبىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپ، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسور جەلال ئەرباي، ئىنسان مەدەنىيەت ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن يۈسۈپ ئوجالان، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە فوندىنىڭ سابىق رەئىسى پروفېسسور نىجاتى جەيلان قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا يەنە ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
جەمئىيەت شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ جەمئىيەتنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى ۋە خىزمەت تۈرلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى، خىزمەت تۈرلەر بويىچە بۆلۈم ۋە شۆبىلەر تەسىس قىلىنغانلىقىنى، شۆبە تەسىس قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە شۆبىلەرگە تەيىنلەنگەن مەسئۇل ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىك ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى.
يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى بارىن يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن قوراللىق ھەرىكەتنىڭ 22-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىتلەرنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا بارىن ئىنقىلابىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە بارىن ئىنقىلابىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇش جەريانى توغرىسىدا سۆز قىلىندى ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان زەيتىنبۇرنۇدىن 4 قەۋەتلىك بىر بىنا سېتىۋالغان بولۇپ بۇ بىنانى جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى قىلىپ خىزمەتكە ئاچتى. بۇ بىنا خىزمەت ئىشخانىسى، يىغىن زالى، ئانا تىل يەسلى ۋە مېھمان كۈتۈش ئىشخانىسى بولۇپ 4 بۆلۈمگە ئايرىلغان.
4-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يەنە كۆپ ساندا كىشى قاتناشقان بولۇپ، مۇراسىمدا شۆبنىڭ مەسئۇلى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى تونۇشتۇرۇلدى. يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تەپتىش ھەيئىتى مەسئۇلى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ، بىرلىك-باراۋەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە جامائەتلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش توغرىسىدا توختالدى.
يىغىن ئاخىرىدا مۇشۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە ۋاپات بولۇپ كەتكەن، مەرھۇم بارات ھاجى، ئابدۇلقادىر ھاجى، ۋە سەلەي ھاجىم ئارتىش قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى.
