قەشقەردىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى ئىلھام توختىنى تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بىكار قىلىندى

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىق چەكلىمىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.15
Ilham-tohti-toxti-liksiye-sozlimekte-305 2010 - 12 - ﺋﯩﻴﯘﻧﺪﺍ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺗﺴﯧﻨﺘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﺰ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻫﯩﺒﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

خەلقئارادىكى ئەركىن ئالاقە تور بېكىتى تۋىتىردا 15-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان، ئىلگىرى بىرقانچە قېتىم خەلقئارادا ۋە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن تەتقىقات يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى چەكلىنىپ، پائالىيەتلىرى ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىغا ئېلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئات بەيگىسى ھەم چېلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتلىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى يەنە بىر قېتىم بىكار قىلىنغان.

ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ بۈگۈن ئەتىگەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۋىتېر تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ توققۇزاق ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان بۇ پائالىيەت، شۇ جايدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بىر قېتىملىق ئادەتتىكى ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتى بولۇپ، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر بىرنەچچە ئاي ئىلگىرىلا يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ، خەلق ئارىسىدىكى بەيگە ماھىرلىرى، چېلىشچىلار، يەرلىك سازەندە، ھاپىزلارنى يىغىپ تەييارلىق خىزمىتىنى باشلىغان. پائالىيەتتە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مەزمۇنلىرىمۇ بولغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 30 نەچچە كىشىگە تەكلىپنامە ئەۋەتىلگەن. ئەمما ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭدىكى ساقچى دائىرىلىرىدىن قەشقەرگە بېرىشقا رۇخسەت قىلىش ئىمتىيازىنى ئېلىپ، بېيجىڭدا ئەسلى قاتنىشىش پىلانلانغان بىرقانچە پائالىيەتلەرنى بىكار قىلىۋېتىپ، ئۆزى ئىشلەۋاتقان مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۈچ ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ ، 15-دېكابىر كۈنى ئەتىگەن سەپەرگە چىقىشقا ھازىر بولغىنىدا، دائىرىلەر ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئۇنىڭ قەشقەر سەپىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى بايانىدا يەنە، ئۆزىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەرگە ئۇچرىشىنىڭ نۆۋەتتە ئادەتتىكى ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالغىنى ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قەشقەر سەپىرىنى تۇيۇقسىز بىكار قىلغىنىغا ھەيران قالمايدىغانلىقىنى، ئەمما دائىرىلەرنىڭ پەقەت ئۆزى تەكلىپ قىلىنغانلىقىدەك كىچىككىنە بىر ئىشنى باھانە قىلىپ، پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ نەچچە ئايلىق ئەمگىكى، ئەجرى، سەرپ قىلغان ئىقتىسادى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان غازى ئەمەتكە ئوخشاش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ باشقا پائالىيەتلىرىنى بىكار قىلىپ، ئايروپىلان، پويىز بېلەتلىرىنى ئېلىپ سەپەرگە ھازىر بولغان ۋاقتىدا، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىر بۇيرۇق بىلەنلا بىر ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى بىكار قىلىشتەك قىلمىشىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى، سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدىكى تەتقىقات تېمىلىرى ھەم «ئۇيغۇربىز تور بېكىتى» ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى خىتاي ھەم خەلقئاراغا ئاڭلىتىپ كەلگىنى ئۈچۈن، خىتاي ئىچىدىكى زىيالىيلار ھەم خەلقئارادا يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشكەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. 2006-يىلدىن بۇيان ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ب ب س ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى، نيۇيورك ۋاقتى، ۋاشىنگتون پوچتىسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەيىنلىگەن باشلىقلىرى ۋاڭ لېچۈەن ھەم نۇربەكرى قاتارلىقلارنى «رايوندا قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزدى»، دەپ ئەيىبلىگىنى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى »دىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇربەكرى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئىلھام توختىنى ھەم ئۇيغۇربىز تور بېكىتىنى« ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى» دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇربىز تور بېكىتى، دىيارىم، شەبنەم قاتارلىق يۈزلىگەن تور بېكەتلىرى تاقىلىپ، دىلشات پەرھات قاتارلىق تور باشقۇرغۇچىلار ھەم توردا ماقالە ئېلان قىلغان غەيرەت نىياز قاتارلىق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى قولغا ئېلىنىپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرى تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.