مەدىنە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى " ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى" 1961 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قۇرۇلغاندىن تاھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە يۈز مىڭلىغان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرىنى ئىسلامىي ئىلىملەردە تەربىيىلەپ، يېتىشتۈرۈپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009-11-10
Share

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، تۆۋەندە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ "ھەدىس ئىلىملىرى فاكۇلتېتىنى" پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر بولۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلاغا سۇنىمىز.

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى " ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى" تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى:" ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى بەش چوڭ فاكۇلتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، "شەرىئەت بىلىملىرى فاكۇلتېتى"،" ئەتىقاد بىلىملىرى فاكۇلتېتى"، قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلامى بىلىملەر فاكۇلتېتى"، " ھەدىس ئىلىملىرى فاكۇلتېتى"ۋە " ئەرەب تىلى فاكۇلتېتى" قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ھەر بىرىدە بىر قانچىدىن بۆلۈملەر بولۇپ، ھەر خىل تەخەسسۇسلارغا بولۈنىدۇ. ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى يۇقىرىقى بەش چوڭ فاكۇلتېتتىن باشقا، ئەرەب تىلىدا سۆزلىمەيدىغان خەلقلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئەرەب تىلىدىن ساۋادىنى چىقىرىش ئىنىستتوتلىرى باردۇر. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئاۋۋال بۇ ئىنىستتوتلاردا ئەرەب تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ھەر قايسى فاكۇلتېتلارغا چۈشىدۇ. مۇندىن باشقا تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەب سىنىپلىرىمۇ بار."

ئىسلام ئۇنىۋېرتېتى بېرىدىغان ئۇنۋانلار

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بېرىلىدىغان ئۇنۋانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:" ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارغا باكلاۋۇرلۇق، ماگىستېرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرىنى بېرىدۇ. ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيانىن ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە ياتاقلىرىنى تەمىن ئېتىشتىن باشقا، ئۇلارغا ئايلىق خىراجەت پۇلى بېرىدۇ. دوكتورلۇق ۋە ماگىستېرلىق ئوقۇۋاتقانلارغا 240 دوللار، ھەر قايسى فاكۇلتېتلاردا ئوقۇۋاتقانلارغا 226دوللار، ئىنىستتوتلاردا ئوقۇۋاتقانلارغا 100دوللار، ئوتتۇرا مەكتەبلەردە ئوقۇۋاتقانلارغا 80 دوللار مىقدارىدا ئايلىق خىراجەت پۇلى بېرىدۇ. چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ھەر يىلى بىر قېتىم ۋەتىنىگە بېرىپ كېلىش بىلىتى ئېلىپ بېرىدۇ.

ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇگۇچىلار سانى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:" مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋۋىئېرسىتېتىدا 8 مىڭدىن كۆپرەك بالا ئوقۇيدۇ. ئۇلاردىن 5 مىڭى چەتئەللىكلەر، 3 مىڭى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىل قىلىدۇ. ئەمما بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى سانى 60 تىن ئاشىدۇ. قازاقىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 گە يېتىدۇ. ھەر يىلى 10غا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇش پۈتتۈرسە، يەنە 10غا يېقىن يېڭى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇش باشلايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا جۈمھۇرىيەتلىرى ۋە رۇسىيىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 200 دىن ئاشىدۇ. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا 160 دولەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار."

پىكىرلەر (1)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت