ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر ھەپتە ئاخىرى تۈركىيە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2011-01-13
Share
xeyrullah-efendigil-doklat-bermekte-305.jpg شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ھەپتىلىك يىغىنىدا سوز قىلدى. 2011-يىلى 8-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim

1-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئەنقەرە ئالتۇنتاغ رايونلۇق شۆبىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى تەشكىلاتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئاڭلىدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئالتۇنتاغ رايونى مەسئۇلى ھەسەن قارتال ئەپەندى سۆز قىلدى. كېيىن مېھمانلارغا ئۇيغۇر تاماقلىرى بىلەن زىياپەت بېرىلدى. زىياپەتتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ كىچىك زالىدا مېھمانلارغا "5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدە" تېمىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت بايان قىلىنغان بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيە مەسئۇللىرى كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

مەزكۇر سۆھبەت يىغىنى بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ يىل 6-ئايدا تۈركىيىدە ئومۇمى سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ئالماشقان تەقدىردە باشقا پارتىيىلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى باشلىغان.

xeyrullah-ependi-melumat-bermekte-385.jpg
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەپتىلىك يىغىنىدىن كېيىن. 2011-يىلى 8-يانۋار.
RFA/Erkin Tarim
يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى رايون مەسئۇللىرىدىن مۇنىرە سوفوئوغلۇ خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە كۆرسىتىلگەنلەرنى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە تېلېۋىزورلاردىن كۆرگەن ئىدۇق. ئەمما ئاۋازسىز پەقەتلا كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن ئىدى. بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ چىدىيالماي چىقىپ كەتتىم. 18-19 ياشلىق بىگۇناھ بالىلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپتۇ، مەنچە ئۇلارنىڭ بىردىن بىر گۇناھى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولۇشى. بۇلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش كېرەك، شۇڭا بۇ خىل يىغىلىشلار بەك مۇھىم."

بۈگۈنكىگە ئوخشاش تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ مەلۇمات بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى بولارمۇ سىزچە؟ دېگەن سوئالىمىزغا مۇنىرە خانىم مۇنداق جاۋاب بەردى: "ئەلۋەتتە پايدىسى بولىدۇ. مەسىلەن بۇ يىل 5-ئىيۇلدا پۈتۈن سىياسىي پارتىيىلەردە 5-ئىيۇلنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزسە بولىدۇ. ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك يىغىنىدا تۈركىيە سىياسىتىنى تىلغا ئالغاندا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىمۇ تىلغا ئالسا بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىدىكى پۈتۈن سىياسىي پارتىيىنىڭ داۋاسىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك."

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت