قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرمىدىكى مەھبۇس مەمتىلى روزىنىڭ سالامەتلىكى خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا
2011.03.07

مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىنقى ئىگىلەشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر 20 ئۇيغۇرنىڭ تەركىبىدىكى مەھبۇس مەمتىلى روزىنىڭ سالامەتلىكى خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرماقتا. مەمتىلى روزى سالامەتلىكىدىكى بۇ جىددىي ئەھۋالنى يېقىندا تۈرمە ساقچىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم مەلۇم قىلغان. ئەمما، ئالاقىدار تارماقلار مەمتىلى روزىنىڭ ھاياتى ئۆلۈم تەھدىتى ئاستىدا تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ داۋالىنىش تەلىپىنى رەت قىلغان.
كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرمىدە ياتماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەھبۇس مەمتىلى روزى قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ۋەقەدە سول بىلىكى ئېغىر ھالدا زەخىملىنىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان. ئوپېراتسىيىدە ئۇنىڭ بىلىكىگە 3 دانە تۆمۈر پارچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. دوختۇرلار شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىكىدىكى تۆمۈرنىڭ 3 ئايدىن كېيىن ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇغان ۋە ئەگەر ئېلىۋېتىلمىسە، ھاياتىنىڭ جىددىي تەھدىتكە ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. نۆۋەتتە مەمتىلى روزى قەشقەر ۋىلايەتلىك تۈرمىدە يېتىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. يېقىندا ئىگىلىشىمىزچە، مەمتىلى روزىنىڭ بىلىكىدىكى تۆمۈر ھازىرغىچە ئېلىۋېتىلمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمتىلى روزى قولغا ئېلىنغان ۋاقتىدىلا، سالامەتلىكىدىكى بۇ ئەھۋالى ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان. ئۇ يېقىندا يەنە تۈرمە دائىرىلىرىگە 3 قېتىم ئىلتىماس سۇنۇپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە داۋالىنىشنى، مەزكۇر تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىشقا ئۇچرىغان.
ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلاردا، مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، داۋالىنىش ھەققى بولۇشى كېرەكلىكى ئېنىق بېكىتىلگەن. خىتاي قانۇنلىرىدىمۇ بۇ نۇقتا ئوخشاشلا تەكىتلەنگەن. ئەمما، مەمتىلى روزىنىڭ خانىمى گۈلباھار سادىق يولدىشىنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن بېرى بۇ خىل ھەققىنىڭ بولمىغانلىقىنى، ھەتتا ئەھۋالىنى ئۇقۇشقىمۇ ئىمكان بولمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن جىددىي ھالدا ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
خىتاي قانۇن ئورگانلىرىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن گۈلباھار خانىم، خەلقئارا تەشكىلاتلارنى يولدىشىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا ۋە ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ، يولدىشىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنىڭ قوغدىلىشىغا ياردەمدە بولۇشقا چاقىردى.