پېشقەدەم تارىخىي شاھىد ۋە يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف 3 توملۇق تارىخىي رومانىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتا

ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان، سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-12-31
Share
Mesumjan-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﯧﺸﻘﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﻫﯩﺪ ﯞﻩ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺗﺎ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA File

بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى يېڭى يىل يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا ئۆزىنىڭ 1911 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۈچ توملۇق "سەرراپ" ناملىق تارىخىي رومانى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى تومىنى 2010 - يىلى نەشر قىلدۇرۇش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۈچ توملۇق ئەسەردە ئۇيغۇرلارنىڭ 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى شۇنىڭدەك ئاپتورنىڭ 1944 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە بولغان ئىنقىلاب جەريانىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمەلىي ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى بىلەن بۇ رومان ھەققىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىرلەر (2)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

Anonymous says:
Jan 02, 2010 01:19 AM

ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﯮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﯞﻩﺭﺭﯛﻙ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ
ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﯪﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

Anonymous says:
Jan 01, 2010 01:50 AM

ﺑﯘ ﺭﻭﻣﺎﻥ -ﯬﺭﻩﭖ ﯸﻠﯩﭙﺒﻪﺳﻰ ﯪﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﻣﺪﯗ ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت