ئابدۇللاھ ئەپەندىم: مېنىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم مېھرىبان ئابلەتنىڭ سەلبىي تەسىرى

ئىلتىجاچى مېھرىبان ئابلەتنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش تەييارلىقىدىكى ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن پۈتۈن گوللاندىيىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا، ئىلتىجا ئىشلىرى ۋە ئىلتىجاچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كەسكىنلەشمەكتە.

0:00 / 0:00

بىز تۈرلۈك تەلەپ-پىكىرلەرگە ئاساسەن، ئەھۋالنىڭ پەۋقۇلاددىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، مېھرىبان ئابلەت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى پۈتۈنلەش ئۈچۈن، ئۇ تۇرۇۋاتقان تۇرۇش ئورنىغا، يەنى گوللاندىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى درونتىن شەھىرىگە جايلاشقان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش ئورنىغا 150 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ باردۇق ۋە قىسقا سالاملاشقاندىن كېيىن، كېلىش مەقسىتىمىزنى بىلدۈرگىنىمىزدە ئۇ زىيارىتىمىزنى رەت قىلدى. ئاخىرى كۆپ خىزمەت ئىشلىگەندىن كېيىن، ئاۋازنى خاتىرىلىۋالماسلىق شەرتى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

ئۇ باشتىن-ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقى ۋە جاپا چەككەنلىكىنى پەش قىلسىمۇ، ئۆزىنى مۇشۇ رىيازەتلەرگە مۇپتىلا قىلغان ئالدامچىلارنى پاش قىلىش ياكى ۋەتەنگە قايتىشتا ئىشەنچ قىلىدىغان ئارقا تېرىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارلىيالمىدى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ راستلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكى گۇمان قوزغىدى.

3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان سۆھبىتىمىزدىن خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا؛ مېھرىبان ئابلەت ئىسىملىك بۇ قىز دىن، تارىخ، ئىنسانپەرۋەرلىك، مىللەت-ۋەتەن، زۇلۇم، ئادالەت، ھايات-مامات ۋە ھەتتا ياشاشتىكى مەقسەتتىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى تىنىقنىڭ مەنالىرىغا قەدەر مەزمۇنلاردىكى ھەممە چۈشەنچىلىرىنىڭ تولىمۇ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن سۆھبەتداشلاردىن ئابدۇللاھ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.