موسكۋادىكى 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدا ئۇيغۇرلار

6 - ئاينىڭ 20 - 21 - كۈنلىرى رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا 10 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇسابىقىگە سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، خىتاي ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوتتۇزدىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن قارىلار قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ھازىر فىنلاندىيىدە ياشاۋاتقان ئوبۇل قاسىم قارى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئۆز دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن كىشىلەر ئىكەن. بۇ مۇسابىقىدا تۈركىيىدىن كەلگەن بۇنيامىن سەلچۇقئوغلۇ قارى بىرىنچىلىككە، ئالجىرىيىدىن ياسىن ئىسمائىل قارى ئىككىنچىلىككە ۋە مالايشىيادىن ئابدۇللاھ سېيىت قارى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئوبۇل قاسىم ئەپەندى گەرچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ قاتارىغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە كىيىملىرى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان.

ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە موسكۋادا 3 تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنى ئاڭلاتقان. ئۇ مىكروفونىمىزغا قىلغان سۆزىدە، موسكۋادا مىليونلارچە مۇسۇلمان بارلىقىنى، خىتاينىڭ دىن سىياسىتى بىلەن ھازىرقى رۇسلارنىڭ دىن سىياسىتىنىڭ ئاسمان زېمىن پەرقى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئوبۇل قاسىم قارى بىزگە بەرگەن مەلۇماتىدا يەنە، موسكۋا ئىسلام مەركىزىنىڭ مەسئۇلى راۋىل غايرەتتىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىدىن ئالاھىدە سوئال سوراپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى، موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى رۇسىيىدىكى مۇسۇلمانلارغا شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.