خىتاينىڭ قارشىلىقى ئەمەلىيەتتە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىمنى تېخىمۇ داڭدار قىلماقتا

نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم تېخى تار دائىرىدە قويۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە ئاخبارات ساھەسىدە قوزغىغان ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.10.29
Rabiye-xanim-Filim-festiwal-zalida-tamashibinlar-bilen-305.jpg ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻣﯩﻨﻨﻪﺗﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻗﻴﯘﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﺪﺍ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﯞﺳﺘﯩﺮﺍﻟﯩﻴﻪ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
www.theepochtimes.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. (Paul Crock/AFP/Getty Images)

مەزكۇر فىلىم بارغانچە قارشى ئېلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، شىنجاڭ خەۋەر تورى بۈگۈن ئەكسىچە "رابىيە قادىر ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىمنىڭ دۇنيادا تارقىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى" دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" فىلىمىنىڭ ھازىرغىچە بولغان تارقىتىلىش، قارشى ئېلىنىش ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات ئالدۇق.

"مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" دىن ئىبارەت رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر سائەت ئەتراپىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم، گەرچە ئىشلىنىش سۈپىتى، بەدىئىي قىممىتى جەھەتتە ئادەتتىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قوزغىغان ئاممىۋى ئىنكاسى ۋە تاماشىبىنلارغا ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى قىممىتى، ئاخبارات ساھەسىدە قوزغىغان تەسىرى ئاجايىپ زور بولماقتا.

ھالبۇكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشى ھەمدە تەنقىدىگە پىسەنت قىلماي مەزكۇر فىلىمنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى توختاتماي كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغا قەدەر رابىيە قادىر خانىم ھەم ئۇ ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ خەۋەر تورى 29 ‏- ئۆكتەبىر سانىدا رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇ ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىمنىڭ "دۇنيادا تارقىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى" دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى. شۇنداقلا فىلىم رېژىسسورى جوھان " مەزكۇر فىلىمنىڭ خەلقئارادا بازار تاپالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى،" دەپ يازدى.

شۇنداقلا خەۋەردە، "بۆلگۈنچى رابىيە قادىر ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى فىلىمى ھازىرغىچە خەلقئارادا ھېچقانچە قىزىقىش قوزغىيالمىدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى بەك سەزگۈر، زىددىيەتلىك بولغاچقا، ئاساسەن ئالىدىغان ھېچقانچە دۆلەتمۇ چىقمىدى،" دەپ يازغان.

ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ۋالل سترېرت ژۇرنىلىدا بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى 28 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى "رابىيە قادىر فىلىمى زور دىققەت قوزغىدى" دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. مەزكۇر ماقالىدا دەل فىلىم رېژىسسورى جوھان لېۋىسنىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، جوھان لىۋېسنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، پەقەت تەيۋەندىلا مەزكۇر فىلىم ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك فىلىم تارقاتقۇچىلار مەزكۇر فىلىمنى 45 قېتىم قويۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان، يەنە نۇرغۇن مەكتەپلەر، ئوقۇغۇچىلارغا بۇ فىلىمنى كۆرسىتىشنى ئورۇنلاشتۇرماقچى ئىكەن.

بىز رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھازىرغىچە قانچىلىك قىزىقىش ھاسىل قىلغانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، رابىيە خانىمنىڭ كاتىپلىرىدىن زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئېنگىلىز تىلىدا چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن بىر سائەت ئەتراپىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى" ھازىرغىچە، ئاۋسترالىيە، تەيۋەن كىنو فىلىم فېستىۋاللىرىدا كۆرسىتىلگەندىن باشقا، يېڭى زېلاندىيە مائورى تېلىۋىزىيىسى، ئىسلام تېلىۋىزىيە قانىلى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرى شۇنىڭدەك يەنە نۇرغۇن دۇنياۋى تور بەتلەرگە قويۇلۇپ، كۆرۈش نىسبىتى، قارشى ئېلىنىشى جەھەتتە داڭدار فىلىملاردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە قارشى ئېلىنماقتا ھەمدە غۇلغۇلا قوزغىماقتا، بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا ھازىر نۇرغۇن دۆلەت ھەمدە كىنو فىلىم، تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى مەزكۇر فىلىمغا قىزىقماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Oct 30, 2009 10:37 AM

ﯬﺳﺴﯩﻼﻣﻤﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯘﻡ! ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﯸﺰﻩﯞﺍﺗﻜﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ....

Anonymous
Oct 29, 2009 08:31 PM

ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﯨﻤﯘ ﻗﻮﻳﺴﺎ ،ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ .ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ ،ﺑﯘ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯩﺸﻨﻰ ﯴﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .