نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇرلار ب د ت كۈنىنى خاتىرىلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﮕﯜﻝ
2010.10.25
2010.10.25
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﻧﻮﺭﯞﯦﮕﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﭘﻪﺭﻫﺎﺕ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.
نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، نورۋېگىيىنىڭ ئوپلان رايونلۇق گجۆۋىك كوممۇنا بىلەن قىزىل كرىست جەمئىيىتى 24 - ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىللىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە گجۆۋىك شەھىرىدىن ۋە ئوسلو، ستاۋاڭەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارمۇ قاتناشقان.
پائالىيەتكە يەنە، ئۇيغۇرلاردىن باشقا ئافرىقا، بىرما ۋە ئافغانىستاندىن كەلگەن كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەرنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە نورۋېگىيىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ھانس ئەپەندىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بىرما ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسى ئەھۋالى ۋە بۇ ئىككى دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان.
پەرھات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىدە ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ،پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ھەققىدە تەييارلىغان مەخسۇس تېمىدىكى نۇتۇقلىرى، ئېتىپ ئەكەلگەن تەملىك ئۇيغۇر تائاملىرى، يېڭىدىن قۇرۇلغان سەنئەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئورۇندىغان ئېسىل ناخشا - مۇزىكىلىرى ۋە مىللى، ئەنئەنىۋى كىيىم - كېچەكلىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتناشقان ھەر ساھەدىكى نورۋېگ ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەن ۋە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان "ئەجدىھا بىلەن ئېلىشقان ئايال" ناملىق ئەسەرنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى گجۆۋىك شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا ۋە يازغۇچى ھانس ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەرگە تەقدىم ئېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ كىتاب ھەققىدە ئاڭلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئىپادە قىلىشىپ كىتاب سوۋغا قىلغان نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىگە چوڭقۇر تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى ب د ت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن ئىككى يۈزگە يېقىن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ پائالىيەت دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا ياڭرىتىلغان ئالقىشلار ئىچىدە غەلىبىلىك تاماملاندى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.