نۇرۇل ئىسلامنىڭ خىتاي تۈرمىسى ھەققىدە بىر پارچە مەخپىي خەت قالدۇرغانلىقى مەلۇم

خىتاي تۈرمىسىدە نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن نۇرۇل ئىسلامنىڭ دادىسى شەربازخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈش ئالدىدا بىر مەخپىي خەت قالدۇرغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.05
nurul-islam-sherbaz-305.jpg شەربازخان بىلەن ئوغلى نۇرۇل ئىسلام شەربازنىڭ ئاتا-بالىلىق ئىسپاتى.
RFA

مەزكۇر خەتتە ئۇنىڭ قانداق قېيىن-قىستاقلارغا دۇچار بولغانلىقى ۋە باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.

شەربازخاننىڭ ئوغلى نۇرۇل ئىسلامنىڭ بۇ يىل 13-نويابىر خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قايتۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلانغان ئىدى.

شەربازخان ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىغا يوللىغان پارچە خېتىدە، ئوغلىنىڭ تۈرمىدىكى ۋاقتىدا بىر پارچە مەخپىي خەت قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى مەخپىي خەتنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق ۋاقىپ بولغانلىقى، خەتتە خىتاي تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلار بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر مەخپىي خەت ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ راستلىقىنى خەتنىڭ نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ قولىدا ئەمەسلىكى، ئەمما خەتنىڭ مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.

شەربازخاننىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىغا يوللىغان خېتىدە ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغان مۇھىم بىر نۇقتا بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سېتىش قىلمىشىغا ئارىلاشقانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلاردۇر.

خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: تۈرمە باشقۇرۇش ئورگانلىرى بۆرەك، كۆز ۋە قانلارنى قانۇنسىز سېتىش سودىسىغا ئارىلاشقان. كۆپلىگەن ئازسانلىق مىللەت مەھبۇسلىرى جىسمانىي جەھەتتىن كەمتۈك بولۇپ قالغان.

بىز بۇ خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى ئۆز ئالدىمىزغا دەلىللەشكە ھازىرچە ئامالسىز. ھالبۇكى، ئىلگىرى بەزى مەتبۇئاتلاردا خىتاي تۈرمىلەردىكى ئادەم ئىچكى ئەزالىرىنى قانۇنسىز سېتىش قىلمىشىغا ئائىت خەۋەر بېسىلغان ئىدى.

باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان «ئۆلچەم» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا «شىنجاڭچە تەرتىپ: بېيجىڭ سىياسىي مەھبۇسلاردىن ئورگان يىغىۋالىدىغان يېڭى چېگرا» ناملىق بىر تەپسىلىي خەۋەر بېرىلدى.

خەۋەردە ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن نىجات ئابدۇرەھىم ۋە دوختۇر ئەنۋەرلەرنىڭ ئەسلىمىسى ئاساسىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغاندا مەھبۇس جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى بۆرەك ياكى باشقا ئىچكى ئەرزلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېلىپ دوختۇرخانىغا سالىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدا «بىدئەت تەشكىلات» دەپ مەنئى قىلىنغان فالۇڭوڭ تەشكىلاتىمۇ خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغان فالۇنگوڭچىلار ئەزالىرىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېلىپ ساتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى.

«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە چېتىلىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان مەھبۇسلارنىڭ بۇ خىل قىسمەتلەرگە يولۇققان ياكى يولۇقمىغانلىقى ھازىرچە بىزگە قاراڭغۇ.

ھالبۇكى، شەربازخان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىغا يوللىغان خېتىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىمۇ سۇغۇرۇپ ئېلىپ ساتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

شەربازخاننىڭ ئوغلى نۇرۇل ئىسلام 2009-يىلى 27-ئىيۇل «5-ئىيۇل ۋەقەسى» گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 2010-يىلى 4-ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

شەربازخاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئوغلى نۇرۇل ئىسلام شەربازخان بۇ يىل 13-نويابىر كەچ سائەت 10 دا ئۈرۈمچىدىكى «1-تۈرمە» دوختۇرخانىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

شەربازخاننىڭ خەت ھەققىدە دەپ بەرگەنلىرىگە قارىغاندا، نۇرۇل ئىسلام ئۆلۈش ئالدىدا قالدۇرۇپ كەتكەن مەخپىي خېتىدە ئىككى يېرىم يىلغا يېقىن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىش جەريانىدا ھەر خىل قېيىن قىستاقلارغا ئېلىنغانلىقىنى يازغان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە يەنە، خەتتە بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە تۈرمىدە ھېيت نامىزى ئوقۇشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارمۇ قاتتىق تاياققا بېسىلغانلىقى خاتىرىلەنگەن ئىكەن.

شەربازخان 2010-يىلى 10-ئىيۇن خىتايدىن مەجبۇرى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، نۆۋەتتە پاكىستاننىڭ پەنجاب ئۆلكىسى راۋالپىندى رايونىدا تۇرۇپ ئوغلىنىڭ دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەلۇمات بېرىشقا تىرىشىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.