ناسىر سەرامى ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان:" خەلقپەرۋەرلىكى بىلەن ئالەمچە شۆھرەت قازانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ مىسىر زېمىنىگە قەدەم بېسىشتىن ئاۋۋال زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بىكىتىنى سەئۇدى ئەرەبىستانى قىلىپ تاللىغانلىقى ھەقىقەتەن ئاقىلانە تاللاش ئىدى. چۈنكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مەسىلىسى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەرزىيدىغان مۇھىم مۇئەمما بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى، ئوتتۇرا شەرقتە ئومۇميۈزلۈك تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى يولىدا بار كۈچىنى چىقىرىشتا راستىنلا جىددىي ئىشلىمەكتە. خۇسۇسەن ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدىغان دەرىجىگە يېتىپ قالغان.
ئامېرىكا ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ باياناتى
ئامېرىكا ئاخبارات مەنبەلىرى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىرگە ئىشلەيدىغان شېرىكلەرنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنى ئەنە شۇ شېرىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇقلىغان.
ئامېرىكا مەنبەلىرىدىن ئوبامانىڭ ئىلگىرىكى تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئالغان ھالدا، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ھەل قىلىش، پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تەرەپسىزلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، پەلەستىن زېمىنىدە، بىر - بىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ۋە ئىناق ئۆتىدىغان ئىسرائىلىيە - پەلەستىندىن ئىبارەت ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ دەۋر سۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشماقتا ئىكەنلىكى مەلۇم.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۇنجى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنى باش بېكەت قىلىپ تاللىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ئىدى. چۈنكى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى يولىدا بىرىنچى قېتىم لىۋان پايتەختى بىيرۇت شەھىرىدە "تىنچلىق تەكلىپى" پروگراممىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللا ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئىدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسلىرى
گېزىتتە يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە مىسىرنى بىرىنچى بېكەت قىلىشتىن ئىبارەت پروگراممىسىنى تۇيۇقسىزلا ئۆزگەرتىپ، ئاۋۋال سەئۇدى ئەرەبىستانىغا، ئاندىن كېلىدىغان پەيشەنبە كۇنى مىسىرغا بېرىشنى ئىختىيار قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى بايان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ھەر خىل تەھلىللىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى نەقىل قىلىپ كەلتۈرگەن.
ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ :" پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئاۋۋال سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بېرىشنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۇنىڭ كۈن تەرتىبىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغان ماۋزۇلارنىڭ بارلىقى سەۋەبلىك ئىدى. ئوباما سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مەسئۇللار بىلەن تىنچلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى، نېفىت باھاسىنى بەلگىلەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ" دېگەن باياناتى نەقىل قىلىنغان.
مىسىرنىڭ ئەھرا تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى دوكتور جامال ئابدۇل جەۋۋاد ئوبامانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە تۇنجى بېكەت قىلىپ تاللىشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:" ئامېرىكا رەئىسى ئوبامانىڭ زىيارەت پروگراممىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەنلىكى ئۇنىڭ زىيارىتىدىن كۈتۈلگەن ئاساسلىق مەقسەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن مىسىر ئوتتۇرا شەرقتىكى نوپۇزلۇق ۋە ئامېرىكا بىلەن دوستلۇقىنى نورمال دەرىجىدە داۋام قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەردۇر."
