تاجاۋۇزچىنىڭ ئىللەتلىرى ۋە تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان مىللەتنىڭ خىسلەتلىرى

زېرىككەندە تېلېۋىزورنىڭ 77‏ - قانالنى ئىچىپ تارىخى تېمىلارنى بولۇپمۇ 2‏ - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخىنى ھەۋەس بىلەن كۆرىمەن. تاجاۋۇزچى بىلەن تاجاۋۇز قىلىنغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش تارىخى مىنى چۇڭقۇر ئويلارغا يېتەكلەيدۇ.
ﺋﻮﺑﺰﻭﺭﭼﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﻫﺎﺟﻰ ﺭﻭﺯﻯ
2008.08.19

 تاجاۋۇزچى مىللەت، ئىككىنچى بىر مىللەت ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ياكى دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلغاندا مەنىۋى جەھەتتە قانداق كۈچكە ۋە نېمىگە تايىنىدۇ؟ تاجاۋۇزچى مىللەت مەنىۋى جەھەتتە كېڭەيمىچىلىك، تېررىتورىيە ۋە زېمىن ئىگىلەش قارا نىيەتلىرىنى "قەھرىمانلىق"، "باتۇرلۇق"  دەيدىغان  ئەخلاق -  پەزىلەت ئىبارىلىرىگە نىقابلاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىنى كېڭەيمىچىلىككە قىزىقتۇرۇپ، ئولجا ‏ -  مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشتە ۋەدە بېرىپ، سەپەرۋەرلىككە چاقىرىق قىلىپ، تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى  جامائەت پىكرىنىڭ ھىماتىغا تاپشۇرۇپ باشقا مىللەت ۋە دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ ئىدىيىۋى تەييارلىقىنى قىلىدۇ. ھەتتا تاجاۋۇزچلىقنى "ۋەتەنپەرۋەرلىك" دەپ، يەنە ھەتتا تاجاۋۇزچىلىقنى "ئازات قىلدۇق" دەپ تەرىپلەيدۇ. "تىبەتنى ئازات قىلدۇق"، " ئۇيغۇرىستاننى ئازات قىلدۇق " دەپ ھازىرغىچە كاپشىپ يۈرگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 20‏ - ئەسىرنىڭ 40‏ - يىللىرىدا تاجاۋۇزچى دۆلەتلەر قاتارىدا ئەڭ تىپىك تاجاۋۇزچى بولۇپ چىققان.

تاجاۋۇزچى مىللەت ئىككىنچى بىر مىللەتكە ياكى دۆلەتكە تاجاۋۇز  قىلغاندا ماددى جەھەتتە نېمىگە تايىنىدۇ؟ ئۆز مىللىتىنى چاقىرىق بىلەن ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مىسلىسىز تەشكىلى كۇچ ۋە يېتەرلىك ئۇرۇش خىراجىتى، ماددى تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ، ئالاھىدە دۆلەت كۈچى -  ھەربى كۇچ تەييارلايدۇ. ئوخشاشلا بىر ۋاقىتتا تاجاۋۇزچىلىقنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېپلوماتىك دەسمايە تەييارلاشقىمۇ ئۈلگۈرىدۇ. مەسىلەن 2‏ - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پولشا جۇمھۇرىيىتىنى ئوتتۇرىدا يەمچۈك قىلىپ تاجاۋۇزچىلىققا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىككى دۆلەت  -  گېرمانىيە ۋە سابىق سوۋېتلەر ھۆكۈمىتى ئۆز ‏ -  ئارا بىر - بىرىنىڭ دېپلوماتىك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكەن ئەمەسمىدى؟ ئۇنداقتا تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ خىسلەتلىرى قانداق بىلىدۇ؟

گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەينى چاغدا فرانسىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن قەھرىمان فرانسىيە خەلقى شىددەتلىك قارشىلىق كۆرسەتكەن. فرانسىيە پارتىزانلىرى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پايدىلىنىشى مۇمكىن بولغان بارلىق ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى پارتلىتىپ ، ھەتتا بىر تال سەرەڭگە بىلەن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ھالسىراتقان، جۈملىدىن، تۆمۈر يول، تاشيول، پوچتا ‏ -  تېلېگراف ، ئېقىن دەرياغا سېلىنغان كۆۋرۈكلەر، قاتناش ئۈستىدىكى ئاپتوموبىللار، ياغاچ - تاش، پاختا، يۇڭ ئىسكىلاتلىرى، بېنزىن  - سەنەركە ئىسكىلاتلىرى، يېقىلغۇ توشۇيدىغان پويىز ۋاگونلىرى، ھەربىي ئىشلونلار قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيا ئىسكىلاتلىرىغا قوراللىق ، بەزى ھاللاردا بىر تال سەرەڭگە بىلەن ھۇجۇم قىلىپ گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە ئەجەللىك زەربە بەرگەن ئەمەسمىدى؟ ئىتتىپاقداش ئارمىيە نورماندىدا قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن فرانسىيە خەلقى ئارمىيە تەشكىللەپ دىگولنى گېنېراللىققا تەيىنلەپ، فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن ئەمەسمىدى؟ شۇ ۋاقىتتا فرانسىيە خەلقى ھەربىي قورال -  ياراققا قانداق ئىرىشكەن ئىدى؟

فرانسىيە خەلقى ھەربى قۇرال -  ياراقنى ئاساسەن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالاتتى.تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلاتتى . ئۆلگەن گېرمان ئارمىيىسىنىڭ قولىدىن قورال - ياراق پارتىزانلارنىڭ قولىغا ئۆتەتتى.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن فرانسىيىنىڭ ئوغۇل - قىزلىرى قۇربان بېرىپ بەدەل تۆلەيتى. "كونا مىلتىق" كىنو فىلىمى دەل شۇنداق دېتالغا ئاساسلىنىپ ئىشلەنگەن ئەمەسمىدى؟

تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ ئىللەتلىرى ئۈستىدە توختالغاندىن كېيىن ئەمدى تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ خىسلەتلىرى ئۈستىدە توختالساق،  تاجاۋۇزچى مىللەتنىڭ ئىككىنچى بىر دۆلەتكە قوراللىق ھەربىي تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشى، ئەمەلىيەتتە تاجاۋۇز قىلىنغان دۆلەتلەرگە ھەربىي قورال - ياراق ئېلىپ كىرىشى دېگەنلىكتۇر. دۇنيانىڭ ئۇرۇش تارىخىدا ھەربىي قورال - ياراقنىڭ مۇقىم ئىگىسى بولغان ئەمەس. ھەربىي قورال - ياراق بىر كىمنىڭ قولىدىن چۈشكەندە ، يەنە بىر كىمنىڭ قولىغا چىقىپ ئېتىلىۋەرگەن. مەسىلەن، ئەينى چاغدا فرانسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ئالجىرىيىگە، ھىندونېزىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى شەرقى تۆمۈرگە، رۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى چىچېنىيىگە، ئەنگىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ھىندىستانغا، ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى جۇڭگوغا، خىتاي گومىنداڭنىڭ تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى مۇستەملىكە ئۇيغۇرىستانغا ھەربىي قورال - ياراق ئېلىپ كىرىپ، مەزلۇم خەلقلەرنى قوراللاندۇرغان ئەمەسمىدى؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.