5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئوغرى - يانچۇقچىلارمۇ ساقچى بولدى
2012.12.07
بۇ ئۆلچەم، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئوغرى - يانچۇقچىلارنىڭمۇ، خىتاي ساقچى قوشۇنىدا كەڭ ئورۇن ئېلىشىغا يول ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائى ۋەقە ۋە دېلولاردا تېخىمۇ كۆپ يولسىزلىقلارغا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولماقتا. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدا بولىدۇ:
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خېلى بىر قىسىم جايلىرىدا ياردەمچى ساقچى نامىدا قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارنىڭ كۆپىنچىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن، پەقەت جەمئىيەتتە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدا ئىش تېرىپ يۈرگەن ياشلار بولۇپ، ئۇلار نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى باشقۇرۇش، بولۇپمۇ سىياسىي، ئىجتىمائى دېلولارنى پاش قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدىكى ئەرزدارلاردىن ئەمەت قاسىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل يازدا، ئەنە شۇ ياردمچى ساقچى نامىدا ئىشلىتىۋاتقان ئوغرى - يانچۇقچىلارنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئۇلار زوراۋانلىق قىلىۋاتقان چېغىدا ھېچ ئىككىلەنمەستىن «بىز ھەرقايسىڭغا ئوخشاش ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىش ئۈچۈن بۇ كىيىمنى كېيىۋاتىمىز، مائاش ئېلىۋاتىمىز» دېگەن ۋە «خەلق ساقچىسى» دېيىلگەن چۈمپەردىسىنى ئېلىپ تاشلىغان. شۇ كۈنكى ھۇجۇمدا ئەمەت قاسىمنىڭ يۈزى يېرىلغان، ئوغلىنىڭ يۈزى كۆيدۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە سىياسىي جەھەتتىن گۇمانلىق دەپ قارالغان ۋە سەزگۈر مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋا قىلىۋاتقان نۇقتىلىق ئائىلىلەرگە قويۇلغان پايلاقچىلار ئارىسىدىمۇ ئوغرى ۋە يانچۇقچىلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى. ئۈرۈمچىدىكى دەرتمەن ئانا پاتىگۇل غۇلامنى نازارەت قىلىۋاتقان ياردەمچى ساقچىلاردىن بىرى، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە بىر يانچۇقچى ئىكەنلىكىنى يوشۇرمىغان. ئۇ پاتىگۇل غۇلامغا «ئەگەر مېنى مۇشۇنداق تىللاۋەرسىڭىز، مەن ئەسلى كەسپىمنى تېپىۋالىمەن» دېگەن؛ پاتىگۇل «ئەسلى كەسپىڭ نېمە؟» دەپ سورىغاندا «مەن ئەسلىدە بىر يانچۇقچى» دەپ جاۋاب بەرگەن. پاتىگۇل غۇلام بولسا «ماڭا پايلاقچىلىق قىلىشىڭ يانچۇقچىلىقتىنمۇ يامان ئىش» دەپ لەنەت ئوقۇغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى رەسمىي ساقچىلار، ئوغرى، يانچۇقچىلارنى «مىنبىڭ»، «ياردەمچى ساقچى«» نامىدا ياللاپ ئىشلىتىپ زوراۋانلىق ۋە پايلاقچىلىققا سالغاندىن باشقا، يەنە بەزى جايلاردا، ئۇلارنى ئۆز يولىغا ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئۇلارنىڭ پايدىسىغا شېرىكلەشكەن. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانا باشلىقىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئوغرى - يانچۇقچىلار بىلەن شېرىكلەشكەنلىكى پاش بولۇپ، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا بولغان. دائىرىلەر ۋەقە ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىنلا مەزكۇر ساقچىخانا باشلىقىنى ۋەزپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. بۇ ۋەقەنى غايىپ ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ مەزكۇر ساقچىخانىغا بارغان تۇرسۇناخۇن ئاكا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقىدەك ۋەقەلەر سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «ھوشۇقتىن دىڭ - دىڭ يامان، ساقچىدىن مىنبىڭ» دېگەن ماقال، يانچۇقچىلارنىڭ ساقچىلىققا كەسپ ئالماشتۇرغانلىقى ھەققىدە يۇمۇرلار پەيدا بولغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 5 - ئىيۇلدىن كېيىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ساقچىلار ھەقسىزلىققە تاقەت قىلالماي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن؛ يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلارمۇ، ساقچىلىققا ئىلتىماس سۇنۇشتىن ئۆزىنى تارتقان. بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلار قوشۇنىدا بەلگىلىك بوشلۇق پەيدا قىلغان. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلاردىن ساقچى قوبۇل قىلىشتا، بۇرۇن ئۇنىڭ زورۋانلىق ۋە يۇزسىزلىك ئىقتىدارىدىن باشقا، بەلگىلىك تەلىم - تەربىيە شەرتىنى قاتقان بولسا، ئەمدىلىكتە ئاخىرقى شەرتنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.