تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئايالىنىڭ پەريادلىرى

5 - ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇن 6 - ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەھەللىسىدىكى كىرالىق ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ئارىدىن 73 كۈن ئۆتكەندە، يەنى 19 - سېنتەبىر كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.09.21
Yoldishi-tutulghan-Uyghur-ayal-narside-qizi-bilen-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ، 6 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭺ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻧﺎ، ﻫﻪﺩﻩ-ﺳﯩﯖﯩﻞ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ، ﻧﺎﺭﺳﯩﺪﻩ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﻩﺭﺕ ﺗﯚﻛﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
Youtube.com دىن ئېلىندى.

شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى ۋە مەھەللە جامائىتى ۋەقە بىر تەرەپ قىلىنمىغىچە جەسەتنى يەرلىكىدە قويماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرى جەسەتنى مەجبۇرى ھالدا يەرلىككە قويدۇرغان.

بۈگۈن، 21 - سېنتەبىر، ئىگىلىشىمىزچە، ھازىدار ئائىلىنىڭ قورۇسى ۋە شۆھرەت تۇرسۇن دەپنە قىلىنغان زاراتگاھلىقمۇ ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئايالى گۈلمىرەنىڭ پەريادلىرىغا قۇلاق سالغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.