پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن پاكىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇندى

پاكىستان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى مەسئۇللىرى تۈركىيىدە ئېچىلغان «شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش» يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، پاكىستان ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چېگرادا توسۇپ قېلىنغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.07.08
Pakistan-Omer-wexpi-barin-305 ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﺎﺑﺎﺕ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ 4 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 ‏- ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩﻗﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ 19 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇلار توسۇپ قېلىنىشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلغاندا، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاكا-ئۇكا مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 6 نەپەر ئۇيغۇرنى چەتئەلگە چىقىشتىن چەكلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈن مەزكۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى ئادۋوكاتى ئارقىلىق پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۈستىدىن پاكىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارغا ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش ۋە زەربە بېرىش قىلمىشلىرى يېڭى بىر ئەھۋال ئەمەس. ئەمما، بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوغداش ۋە خىتاينىڭ توسقۇنلۇقلىرىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئاتلىنىشى تۇنجى قېتىمدۇر. پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەكبەرجاننىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىدىن بۇ ئەرزنىڭ نىسبەتەن مۇرەككەپ بىر جەريان بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۆمەرجان ۋە ئەكبەرجاننىڭ تەخمىن قىلىشىچە، دېلونىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى پاكىستان ئالىي سوتىغىمۇ قول تىقىپ بېقىشى، پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا، بۇ ئاكا-ئۇكا پائالىيەتچىلەرنى ئەرزدىن ۋازكېچىشكە مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇلار، ئەرزدە بەلگىلىك نەتىجە قازانمىغۇچە، باسقان قەدىمىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.