UAA پاكىستاننىڭ 9 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. تەشكىلات باياناتىدا، پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، خىتاينىڭ ئاتالمىش "3 خىل كۈچلەر" گە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى چەتئەلگە چىقىپ پاناھلىنىش ۋە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىنىڭ يولسىز شەرتنامىلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا خەلقئارا جامائەتنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغان 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنى يېقىندىن كۆزىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، بۇندىن ئىلگىرى پاكىستاندىن قايتۇرۇلغان ئىسمائىل سەمەت قاتارلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقىنى، ئوسمان ئەلىخان قاتارلىقلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، مەزكۇر 9 ئۇيغۇرنىڭ سوتلىنىش جەريانىنىڭ ئاخباراتقا ئوچۇق ۋە خەلقئارا قانۇنىي تەرتىپلەر بۇيىچە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئالاقىدار خەلقئارا جەمئىيەتلەرنى ھەرىكەتكە چاقىردى.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ۋەقەگە قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان پەيتتە، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرمۇ داۋام قىلماقتا.

پاكىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە 170 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشتا ھەر ۋاقىت يەڭ ئىچى سودىسى قىلماقتا ۋە ۋەقەنى مۇمكىن قەدەر خەلقئارا جامائەتتىن يوشۇرۇن ئېلىپ بارماقتا.

نۆۋەتتە پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىنىڭ 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىشىدا مەسئۇلىيىتى بار - يوقلۇقى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئويلىشىلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر.

بۈگۈن پاكىستاندىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، 9 ئۇيغۇرنىڭ پاكىستانغا قايتۇرۇلۇشىنىڭ مەسئۇلىيىتى مەسىلىسىدە، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان خەلقىنىڭ ئايرىم قارىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ياش يەنە، پاكىستان ۋە تۇركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ سىياسىتىدە چوقۇم ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى، بۇ جايلاردا خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان پارتىيىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن، ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

9 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ داۋام قىلماقتا. كۆكبايراق تورىدا يېزىلغان بىر ئىنكاستا، خىتاي - پاكىستان ھەمكارلىقىغا ئوخشاش غەيرىي ئىنساني ھەمكارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدىغانلىقى، ۋەتەن - مىللەت ئۈچۈن تاققا چىققان ياشلارنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بەدەللەرگە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.