پاكىستان قارشىلىق كۈچلىرى خىتايغا بومبا پارتلىتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

23-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ كاراچىدىكى كونسۇلخانىسى يېنىدا بومبا پارتلاپ ئىككى ئادەم يارىلانغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012.07.26
xitay-karachi-konsulxanisi-bomba-305.jpg خىتاينىڭ كاراچىدىكى كونسۇلخانىسى يېنىدا موتسىكلىتقا تېڭىلغان بومبا پارتلىغان جاي. 2012-يىلى 23-ئىيۇل.
AFP

پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، تېررور تەشكىلاتى، دەپ قارالغان لەشكەرىي-بالوچىستان گۇرۇھى بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇنىڭ خىتايغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقات قورالى بولغان خەلق تورىنىڭ 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، 23-ئىيۇل كۈنى چۈشتە خىتاينىڭ كاراچىدىكى كونسۇلخانىسى يېنىدا موتسىكلىتقا تېڭىلغان بومبا پارتلاپ، ئىككى ئادەم يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى كونسۇلخانا ئەتراپىنى دەرھال مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالغان. خىتاي كونسۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە خىتايلاردىن ئۆلگەن ياكى يارىلانغان ئادەم يوق.

پاكىستان ۋە خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ياكى ئەمەسلىكىنى تېخى جەزملەشتۈرەلمىگەن، تەكشۈرۈش جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بىر چاغدا، خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدىن يەنە بىر بومبا تېڭىلغان موتسىكلىت بايقالغان. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى دەسلەپتە «بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسى ئۇسۇل جەھەتتىن تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئوخشىسىمۇ، بۇ پارتلىتىش ئەتراپتىكى قانداقتۇر بىر قۇرۇلۇشنى نىشان قىلمىغان» دېگەن. ئەمما دەرھال بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى بىر مىليون رۇپىيە (68 مىڭ سوم خىتاي پۇلى) بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

كاراچىدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا خىتايلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىكەن. پاكىستاننىڭ بىرىنچى چوڭ شەھىرى بولغان كاراچىدا 200-300 ئەتراپىدا خىتاي ياشايدىكەن. پۈتۈن پاكىستاندىكى خىتايلارنىڭ سانىنى قوشقاندىمۇ مىڭغا يەتمەيدىكەن. خىتاي كونسۇلىنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتى ناچار بولۇپ، ھەرقاچان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى مەۋجۇت ئىكەن. ھەرخىل پارتىيە-گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرمۇ كۈچلۈك ئىكەن. ئىلگىرى بۇ يەردە بىرقانچە خىتاي ئىشچىلىرى يەرلىك كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋەقەلەر بولغان ئىدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كاراچىدىكى خەلق دۆلىتى پارتىيىسى ناملىق بىر پارتىيە ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن. نامايىش قىلىش سەۋەبىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاننىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، دەپ چۈشەندۈرگەن. بىراق، بۇ پارتىيە دېگەن قەرەلدە نامايىش قىلمىغان. بۇ قېتىمقى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقە بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، پاكىستاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەرلىك پاكىستان خەلقىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستاندىكى بىر تور بېتى 23-ئىيۇل كۈنى پاكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن لەشكەرىي-بالوچىستان گۇرۇھىنىڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

لەشكەرىي-بالوچىستان گۇرۇھىنىڭ سۆزچىسى سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى ئارقىلىق بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىنىڭ خىتايغا بېرىلگەن بىر قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 29-ۋە 30-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەردە يۈز بەرگەن يېڭىبازار ۋەقەسىنى پاكىستاندا تەربىيىلەنگەن تېررورچىلار سادىر قىلدى، دېگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 20 خىتاي ئۆلۈپ، 40 تىن ئارتۇق خىتاي يارىلانغان. بۇندىن ئىلگىرى خوتەندە يۈز بەرگەن ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىمۇ پاكىستاندىكى ئەلقائىدىگە باغلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.