پالاۋ ئۇيغۇرلىرى: بىز ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشۇشنى خالايمىز
2012.02.28
پالاۋ دۆلىتى 2009-يىلى 11-ئايدا گۇئانتانامو تۈرمىسىدە ياشاۋاتقان ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ قاتتىق قارشى تۇرۇشىغا قارىماي قوبۇل قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ ئۇيغۇرلار بالا-چاقىلىرى بىلەن جەم بولۇپ، پالاۋدا ئەركىن ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئادىل ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پالاۋدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى.
ئادىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر ئەركىن ياشاۋاتقان ھەم ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇپ خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، مائاشنىڭ تۆۋەنلىكى، مال باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى، دۆلەت تەرىپىدىن بېرىلىدىغان تەمىناتنىڭ ئاخىرقى ئىككى ئايدا ۋاقتىدا قولىغا تەگمىگەنلىكى ھەمدە پالاۋدا دائىمىي ياشاش ھەققىگە ئېرىشىپ پاسپورت ئالالمىغانلىقى قاتارلىق بىر تالاي قىيىنچىلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ئادىل ئەپەندى سۆزىدە، ئەركىنلىكتىن قىممەتلىك نەرسە يوقلۇقىنى، تۇرمۇشتا تۈرلۈك مۈشكۈلاتلارغا يولۇقۇۋاتقان بولسىمۇ، مۇسۇلمانلىق سۈپىتى بىلەن ئاللاھقا شۈكۈرلەر ئېيتىش لازىملىقىنى، ھېلىمۇ گۇئانتانامو تۈرمىسىدە ياشاۋاتقان بەش نەپەر قېرىندىشىغا ئەركىنلىك تىلەيدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشىنى سورايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مۈشكۈلاتلىرىنى پالاۋ ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن 25-فېۋرال پالاۋغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى روشەن ئابباس خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئۈچ كۈنلۈك زىيارەت توغرىسىدىكى مەقسىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. مەلۇمكى، روشەن ئابباس خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ئىدى.
ئادىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 27-فېۋرال كۈنى پالاۋ پرېزىدېنتى توربىئوڭ ئەپەندى ھەم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە مەسئۇل مىنىستىرلار بىلەن ئۇچراشقان. پرېزىدېنت توربىئوڭ ئەپەندى پالاۋ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دەرد-ئەھۋالىنى ئاڭلىغان ھەم شۇ كۈنى كەچتە زىياپەت بەرگەن. زىياپەت جەريانىدا، بۇ قېتىم چاقىرىلماقچى بولغان د ئۇ ق يىغىنىغا ئۆزىنىمۇ تەكلىپ قىلىشنى، بۇ يىغىندا ئۆزىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادىل ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا، پالاۋ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چەتئەلدىكى مىللىي مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشكە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەگەر قولىغا باشقا دۆلەتلەرگە چىقالايدىغان ئۈنۈملۈك بىر پاسپورتقا ئېرىشەلىسە، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھەرىكەت سېپىدە بىر كىشىلىك رولىنى جارى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.